بېيجىڭ ۋاقتى 12- ئاينىڭ 12- كۈنى، 2012-2013- پەسىللىك جۇڭگو ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ سەككىزىنچى ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە ئۈرۈمچى قىزىلتاغ تەنتەربىيە سارىيىدا ئىلىپ بېرىلىپ، شىنجاڭ ۋاسكېتبول كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا ئالدىنقى قېتىملىق چېمپىيون بېيجىڭ ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئىلىپ بېرىلىپ، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە بېيجىڭ ۋاسكېتبول كوماندىسى مۇرېسنىڭ ئاخىرقى ۋاقىتتا كىرگۈزگەن توپىدىن پايدىلىنىپ قارشى تەرەپ مەيدانىدا 112- 110 نەتىجە بىلەن شىنجاڭ ۋاسكېتبول كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى، شۇنىڭ بىلەن شىنجاڭ ۋاسكېتبول كوماندىسى ئۇدا تۆتىنچى مەيدان مەغلۇپ بولدى.
بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، شىنجاڭ ۋاسكېتبول كوماندىسىدىن ئالتە ئەزا قوش خانىلىق نومۇر ئالدى، شىرئەلىجان 33 نومۇر، بەش قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ باتۇر 19 نومۇر، 11 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ جاڭ چىڭپېڭ 21 نومۇر، ئالتە قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ۋە ئالتە قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ يۈ چاڭدۇڭ 10 نومۇر، سەككىز قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ تاڭ جېڭدۇڭ 10 نومۇر، ئالتە قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ شۈ گوچيۇڭ 13 نومۇر ئالدى.
پۈتۈن مەيدان مۇسابىقىدە، بېيجىڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىدىن بەش ئەزا قوش خانىلىق نومۇر ئالدى، مۇرېس بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئەڭ يۇقىرى بولغان 41 نومۇر، 16 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ مابۇرى 23 نومۇر، بەش قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ لى گېن 19 نومۇر، يەتتە قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ جى جې 10 نومۇر، سەككىز قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ سۈي شياۋچۈەن 10 نومۇر ئالدى.
|