باش بەت | پۇتبول كۆزنىكى | شىنجاڭ تەنتەربىيەسى | ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە | ۋاسكېتبول دۇنياسى | ئۇنۋېرسال تەنتەربىيە
 
نۆۋەتتىكى ئورنى:باش بەت >> ۋاسكېتبول دۇنياسى >>  
 
ئاسىيا ياشلار ۋاسكېتبول مۇسابىقىسىدە جۇڭگو چېمپىيون بولدى
 
يوللىغان ۋاقىت:2012-08-27 11:03:53  يازغۇچى:گۈلمىرە  كىلىش مەنبەسى:www.basbas.cn  ئاۋاتلىقى:0   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]

     شىنلاڭ تەنتەربىيە خەۋىرى  بېيجىڭ ۋاقتى 8- ئاينىڭ 26- كۈنى، 22 - نۆۋەتلىك ئاسىيا ياشلار  U18 دەرىجىلىك ۋاسكېتبول  مۇسابىقىسى ھەل قىلغۇچ باسقۇچى موڭغۇلىيە ئۇلانباتۇر شەھىرىدە داۋاملىق ئىلىپ بېرىلىپ، جۇڭگو  دۆلەت ياشلار ۋاسكېتبول كوماندىسى ئەڭ ئاخىرقى ۋاقىتتا كوماندا ئەزاسى گاۋشاڭنىڭ ئىككى نومۇر ئېلىشى بىلەن  93-91   نەتىجە بىلەن  كورىيە دۆلەت ياشلار ۋاسكېتبول كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، ئاسىيا ياشلار  U18 دەرىجىلىك ۋاسكېتبول  مۇسابىقىسىدە يەنە بىر قېتىم چېمپىيون بولدى.
   بۇ نۆۋەتلىك ئاسىيا ياشلار  U18 دەرىجىلىك ۋاسكېتبول  مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو  دۆلەت ياشلار ۋاسكېتبول كوماندىسى ئۇدا توققۇز مەيدان غەلىبە قىلدى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ۋاڭ جېلىن 30 نومۇر، 13 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، گاۋشاڭ 28 نومۇر، توققۇز گاردىن قالغان توپ ئالدى؛ دەي خۈەيبو 18 نومۇر ئالدى. كورىيە  دۆلەت ياشلار ۋاسكېتبول كوماندىسى ئالدىنقى نۆۋەتلىك  ئاسىيا ياشلار  U18 دەرىجىلىك ۋاسكېتبول  مۇسابىقىسىدە ئىككىنچى بولغان كوماندا سۈپىتى بىلەن ئومۇمىي كۈچى دۆلىتمىز ياشلار ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيتتى. ئىككى كوماندا كەسكىن مۇسابىقە ئىلىپ بېرىش ئارقىلىق جۇڭگو ياشلار ۋاسكېتبول كوماندا ئەزاسى گاۋشاڭ ئەڭ ئاخىرقى تۆت سكوت ئىچىدە ئىككى نومۇرلۇق توپتىن بىرنى كىرگۈزۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ غەلىبە قىلىشغا ياردەم قىلدى.

 

Basbas.CN ©2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
互联网电子公告(BBS)服务资质  |  移动网信息服务业务资质
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 15999163133 تور بېكەت مەزمۇن باشقۇرغۇچىسى :18999105493 ئىشخانا : 2848484 -0991