باش بەت | پۇتبول كۆزنىكى | شىنجاڭ تەنتەربىيەسى | ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە | ۋاسكېتبول دۇنياسى | ئۇنۋېرسال تەنتەربىيە
 
نۆۋەتتىكى ئورنى:باش بەت >> ۋاسكېتبول دۇنياسى >>  
 
جۇڭگو ياشلار ۋاسكېتبول كوماندىسى گۇرۇپپا باسقۇچىدىكى ئەڭ ئاخىرقى غەلىبىنى قولغا كەتۈردى
 
يوللىغان ۋاقىت:2012-08-23 11:41:33  يازغۇچى:گۈلمىرە  كىلىش مەنبەسى:www.basbas.cn  ئاۋاتلىقى:0   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]

    شىنلاڭ تەنتەربىيە خەۋىرى  بېيجىڭ ۋاقتى 8- ئاينىڭ 22- كۈنى، ئاسىيا ياشلار  U18 دەرىجىلىك ۋاسكېتبول  مۇسابىقىسى موڭغۇلىيە ئۇلانباتۇر شەھىرىدە داۋاملىق ئىلىپ بېرىلىپ، جۇڭگو ياشلار ۋاسكېتبول كوماندىسى قېتىپ بېرىلگەن مۇسابىقە باسقۇچىدا قاتتىق تىركىشىپ ئاخىرى 107- 102  نەتىجە بىلەن  كورىيە ياشلار ۋاسكېتبول كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، بۇ قېتىملىق مۇسابىقىسىنىڭ گۇرۇپپا باسقۇچىدا ئۇدا ئالتە مەيدان غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، گۇرۇپپىدىن ئوڭۇشلۇق تاللىنىپ چىقتى، سەككىز كۈچلۈك كوماندا مۇسابىقىسىدە ئۇلار سەئۇدى ئەرەبىستان ياشلار ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن ئۇچرىشىدۇ.
بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، جۇڭگو ياشلار ۋاسكېتبول كوماندا ئەزالىرىدىن ۋاڭ جېلىن 33 نومۇر، 15 گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ گاۋ شاڭ 26 نومۇر، سەككىز گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ لو خەنچېن 21 نومۇر ئالدى؛ 
   كورىيە ياشلار ۋاسكېتبول كوماندىسى ئالدىنقى قېتىملىق چېمپىيون بولۇپ، ئەمەلىي كۈچى جۇڭگو ياشلار ۋاسكىتبول كوماندىسى بىلەن ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ. ئىككى كوماندا تۆت باسقۇچلۇق مۇسابىقە ئاياغلىشىپ نەتىجە 75-75 بىلەن تەڭلىشىپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن ۋاقىت قېتىپ بېرىلگەن مۇسابىقە باسقۇچىغا قەدەم قويدى، جۇڭگو ياشلار ۋاسكېتبول كوماندىسى ئاخىرقى كۈچىنى بىراقلا ئىشقا سېلىپ ئاخىرى مۇسابىقىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى.

 

Basbas.CN ©2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
互联网电子公告(BBS)服务资质  |  移动网信息服务业务资质
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 15999163133 تور بېكەت مەزمۇن باشقۇرغۇچىسى :18999105493 ئىشخانا : 2848484 -0991