باش بەت | پۇتبول كۆزنىكى | شىنجاڭ تەنتەربىيەسى | ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە | ۋاسكېتبول دۇنياسى | ئۇنۋېرسال تەنتەربىيە
 
نۆۋەتتىكى ئورنى:باش بەت >> ۋاسكېتبول دۇنياسى >>  
 
شىرئەلىجاننىڭ شاللىنىشى ئۆچ ئېلىشمۇ؟
 
يوللىغان ۋاقىت:2012-05-28 09:37:46  يازغۇچى:admin  كىلىش مەنبەسى:تەڭرىتاغ تورى  ئاۋاتلىقى:0   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]

شىرئەلىجان ئۆزىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى قىسقارتىلغان ئەزالار ئىچىدە ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن ئىنتايىن بىئارام بولغان بولۇپ، ئۇنى ئەپسۇسلاندۇرغىنى بىر مەيدان مۇسابىقىگىمۇ قاتناشماي تۇرۇپ قىسقارتىلغانلىقى ئىكەن. شىرئەلىجان مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: ‹‹شۇنچە ئۇزۇن مەشىق قىلىپ بىر مەيدان مۇسابىقىگىمۇ قاتنىشالمىغىنم مېنى ئىنتايىن ئەپسۇسلاندۇردى. لېكىن ھېچقىسى يوق، ئۆيگە قايتىدىغان ۋاقتىمۇ بولۇپ قالغان ئىدى.››

  ئالدىنقى يىلى شىنجاڭ كوماندىسى بىلەن توختام تۈزگەن دونىۋولد شىرئەلىجاننى ئېلىپ ياۋروپا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتناشقان ئىدى. شۇ چاغدا دونىۋولدنىڭ بۇ قىلغىنى ھەرخىل گۇمانلارنى پەيدا قىلغان بولسىمۇ، دونىۋولد يەنىلا شىرئەلىجاننى ساقلاپ قالغان ئىدى. ئالدىنقى يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە شىنجاڭ كوماندىسى بىلەن توختام تۈزگەن دونىۋولدنىڭ شىنجاڭدىكى كۈنلىرى ئانچە كۆڭۈللۈك بولمىدى، شىنجاڭ گۇاڭخۇي كۇلۇبى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى سەۋەبىدىن جۇڭگو كوماندىسى كوماندا تەشكىللىگەن ۋاقىتتىلا شىرئەلىجاننىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى قىسقارتىلىدىغان ئەزالار تىزىملىكىگە كىرىشى توغرىسىدا گەپ تارقالغان ئىدى. شىرئەلىجاننىڭ قىسقارتىلغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن شىنجاڭ كوماندىسى مۇئاۋىن باش دىرېكتورى مىكرو بىلوگدا مۇنداق دېدى: ‹‹بالدۇرراق قايتىپ كەل! بۇ جاي بولسا سىنىڭ ھەقىقى ئائىلەڭ.››

  شىرئەلىجان دۆلەت كوماندىسىدىكى كەچمىشىنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: ‹‹دۆلەت كوماندىسىغا كىرىپ ئۆزۈمنى تاۋلىغىنىمدىن مەن بەك خۇشال، بۇ مېنىڭ كۇلۇبدىكى ئىپادەمنى مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىك، كېتىش ياكى كەتمەسلىككە مەن ئىزچىل ياخشى كەيپىيات بىلەن قارايمەن، كۆپ ئىشلارغا مەن قارار چىقىرالمايمەن، مېنىڭ قىلالايدىغىنىم پەقەتلا تىرىشىپ ئۆز ئىشىمنى قىلىش.››

 

Basbas.CN ©2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
互联网电子公告(BBS)服务资质  |  移动网信息服务业务资质
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 15999163133 تور بېكەت مەزمۇن باشقۇرغۇچىسى :18999105493 ئىشخانا : 2848484 -0991