
22-ماي، جۇڭگو B دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ 6-ئايلانمىسى داۋاملىق ئېلىپ بېرىلدى، شىنجاڭ كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا مېھمانغا كەلگەن بېيجىڭ سەنگاۋ كوماندىسىنى كۈتىۋالدى. نەتىجىدە شىنجاڭ كوماندىسى 1گە قارشى 2 توپ بىلەن رەقىبىنى ئۇتۇپ، شىنجاڭدىكى تۇنجى غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى. مۇسابىقىگە كەلگەن تاماشىبىنلارنىڭ سانى 40 مىڭغا يېتىپ، جۇڭگو B دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ نەق مەيدانغا كېلىپ مۇسابىقە كورۈش رېكورتىنى يەنە بىر قېتىم يېڭىلىدى.

شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ بۇ قېتىمقى رەقىبى بېيجىڭ سەنگاۋ كوماندىسى شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئالدىنقى ئالتە مەيدان مۇسابىقىدە ئۇچراشقان كوماندىلاردىن بىر ئاز كۈچلۈك بولۇپ، ئىلگىرى تۆت مەيدان شىنجاڭ كوماندىسى بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو B دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ شىمالىي مۇسابىقە رايونى بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن ئىدى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدىمۇ بېيجىڭ سەنگاۋ كوماندىسى شىنجاڭ كوماندىسىغا ئاز بولمىغان ھۇجۇملارنى قوزغاپ، شىنجاڭ كوماندىسىغا خېلى تەھدىت ئېلىپ كەلدى.

نەق مەيداندىكى توپ مەستانلىرى
|