|     شىنخۇا تورى ،17-ماي خەۋىرى :ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىۋاتقان ئېلىمىز  ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى 16-ماي شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ جۇچىڭ شەھىرىدە ئامېرىكا چولپانلار كوماندىسى بىلەن بىر مەيدان دوستلۇق مۇسابىقىسى ئوينىدى ،ئېلىمىز كوماندىسى 78:106 نەتىجە بىلەن ئامېرىكا چولپانلار كوماندىسىنى ئۇتتى .    ئامېرىكا چولپانلار كوماندىسىدىكى ئەزالار ئىلگىرى بىللە مەشىق قىلمىغانلىقتىن ،بۇ مۇسابىقىدە ياخشى ماسلىشالمىدى ،ئېلىمىز ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ ئەزالىرى بولسا ياخشى ماسلىشىپ ئامېرىكا كوماندىسغا پۇرسەت بەرمىدى .2-مەيدان مۇسابىقە 18- ماي ئۆتكۈزۈلىدۇ . 
 |