
5 - ئاينىڭ 12 - كۈنى چۈشىتىن كېيىن شىنجاڭ ۋاقتى سائەت 3:00 تە ، جۇڭگو B دەرىجىلىك بىرلەشمە مۇسابىقىسى 4 - ئايلانمىسى ئوينالدى . شىنجاڭ كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا تىيەنجىن پاراۋۇز كوماندىسىنى كۈتۈۋالدى، نەتىجىدە مۇسابىقە 0 - 0 نەتىجە بىلەن ئاياقلاشتى .

مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسى كۈچلۈك ھۇجۇملارنى تەشكىللەپ باشتىن ئاخىرى قارشى تەرەپنى بېسىپلا ئوينىغان بولسىمۇ ، يەنىلا توپ كىرگۈزەلمەي قالدى . كېيىنكى مەيدان ۋاقىت توشىدىغان ۋاقىتقا ئاز قالغاندا شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ 9 - نومۇرلۇق ئەزاسى قىزىل كارتىغا ئېرىشىپ مەيداندىن چىقىرىۋىتىلدى .
|