
4-ئاينىڭ 25-كۈنى دۆلىتىمىز سىنوك ماھىرى دىڭجۈنخۇي ئەنگىلىيەنىڭ شېفىلېددىكى بىر مەيدان مۇسابىقىسىدە ، رەقىبى بىلەن ئومۇمىي نەتىجىدە 9-9 بولۇپ تەڭلىشىپ قالغاندىن كېيىن ، ئەڭ ئاخىرقى ھەلقىلغۇچ پەيىتتە ئۇتتۇرۇپ قويغان. مۇسابىقىدىن كېيىن دىڭجۈنخۇينىڭ كەيپىياتى پەقەت ياخشى ئەمەس بولۇپ ، ھەتتا ناھايىتى ئاچچىقلانغان . ئۇ مۇسابىقىدىن كېيىن مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا :«بۈگۈنكى مۇسابىقىگە ناھايىتى ئۈمىدسىزلەندىم ، بۇ يەردىكى توپ مەستانىلىرى ۋە مۇسابىقە مۇھىتىنىڭ ھەممىسى ئەخلەت ئىكەن ، مەن پۈتۈن دىققىتىمنى مەركەزلەشتۈرۈپ مۇسابىقە ئويناشقا بەك تېرىشتىم ، ئەمما نەخ مەيداندىكى توپ مەستانىلىرىنىڭ يۇقىرى ئاۋازدا قالايمىقان توۋلاشلىرى ماڭا بەك تەسىر قىلدى . باشقىلار دائىم جۇڭگونىڭ توپ مەستانىلىرىنى مۇسابىقە ۋاقتىدا ۋاراڭ-چۇرۇڭ سېلىشقا ئامراق دەيدۇ ، ئەمما بۇ يەردىكى توپ مەستانىلىرىمۇ شۇنداق ئىكەن» دېدى. |