باش بەت | پۇتبول كۆزنىكى | شىنجاڭ تەنتەربىيەسى | ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە | ۋاسكېتبول دۇنياسى | ئۇنۋېرسال تەنتەربىيە
 
نۆۋەتتىكى ئورنى:باش بەت >> پۇتبۇل كۆزنىكى >>  
 
چېلسىنىڭ ياۋروپا چىمپىيونلۇق مۇكاپاتى رېكورت ياراتتى
 
يوللىغان ۋاقىت:2012-04-27 12:45:15  يازغۇچى:گۈلمىرە  كىلىش مەنبەسى:ۋاڭيى تورى   ئاۋاتلىقى:0   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]

 

    مۇشۇ مۇسابىقە پەسىللىك ياۋروپا لوڭقىسى ئارقىلىق چېلسى ياۋروپا پۇتبول بىرلەشمىسىدىن 45مىليون فونستېرلىڭ كىرىم قىلىپ، رېكورت ياراتتى، ھەم بۇلتۇرقى مانچېستېر بىرلەشمىسىنىڭ 43مىليون 500مىڭ فونستېرلىڭىدىن ئېشىپ كەتتى .بۇ مۇسابىقا پەسلىدە،ئەنگىلىيەدىكى تۆت كۈچلۈك ياۋروپا چىمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدىن 130مىليون ئېلىپ كەتكەن بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن 13مىليون ئازايغان، بۇنىڭ سەۋەبى ئاساسەن مانچېستېر بىرلەشمىسى ۋە مانچېستېر شەھرىنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولمىدى.
    ئەنگىلىيە پوچتا گېزىتى مۇنداق خەۋەر بېرىدۇ:ھەل قىلغۇچقا كىرگەن چېلسى ياۋروپا چىمپىيونلۇق تارىخدىكى ئەڭ كۆپ مۇكاپاتقا ئېرىشتى.ھازىرغا قەدەر چېلسىنىڭ ياۋروپا پۇتبول بىرلەشمىسىدىن ئالغان مۇكاپىتى 45مىليون فونىستېرلىڭ ،ئەگەر ھەل قىلغۇچتا ئۇتۇپ لوڭقىغا  ئېرىشەلىسە قالغان ئىككى مىليون 800مىڭ فونىستېرلىڭغا ئېرىشەلەيدۇ.
  كۈندىلىك پوچتا گېزىتى مۇنداق دەيدۇ:يوقۇرقىلار پەقەت ياۋروپا پۇتبول بىرلەشمىسىدىن كەلگەنلىرى.چېلسى يەنە ياۋروپا چىمپىيونلۇق بېلىتى،تاۋار تىجارىتى قاتارلىقلاردىن 45مىليون كىرىم قىلالايدۇ.ھەل قىلغۇچ ئاخىرلاشقاندىن كېيىن چېلسىنىڭ مۇشۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى ياۋروپا چىمپىيونلۇقتىن قىلغان كىرىمى 100مىليونغا يېقىنلىشىدۇ.چېلسىنىڭ بۇلتۇرقى ياۋروپا چىمپىيونلۇقتىن كىرگەن كىرىمى 36مىليون فونىستېرلىڭ.
   كۈندىلىك خەۋەرلەر گېزىتىدە مۇنداق دېيىلگەن: ياۋروپا چىمپىيونلۇق تارىخىدىكى ئەڭ يوقرى مۇكاپات رېكورتنى مانچېستېر بىرلەشمىسى ساقلىغان ئىدى،ئۇ ئاخىرىدا 43مىليون 500مىڭ فونستېرلىڭ ئېلىپ چىمپىيون بولغان بارسېلونادىنمۇ جىق بولدى.ئەمما بۇيىل مانچېستېر بىرلەشمىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدىلا شاللاندى،28مىليونلۇق مۇكاپاتقىلا ئېرىشتى.ياۋروپا بىرلەشمىسىگە قاتنىشىۋاتقان مانچېستېر شەھرىمۇ 21مىليون 300مىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشتى،بۇنىڭغا قارىغاندا  مانچېستېر شەھرى ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدە ياۋروپا بىرلەشمىسىگە قاتنىشىش جەريانىدا پەقەت تۆت مىليون 500مىڭ فونىستېرلىڭلا تاپقان.ئارسېنالنىڭ نەتىجىسى بىرقەدەر ياخشى بولسىمۇ، پەقەت 22مىليون 700مىڭ فونستېرلىڭغا ېرىشكەن .
  ئىگىلىنىشىچە،ياۋروپا چىمپيونلۇقىدىكى ئەنگىلىيە دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە تۆت كوماندىسى باشقا دۆلەت كوماندىلىرىغا قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ تېلىۋىزىيەدىن تارقىتىش مۇكاپاتىغا ئېرىشەلەيدۇ،بۇنىڭ سەۋەبى كۆك ئاسمان تېلىۋېزىيىسى ۋە مۇستەقىل تېلىۋىزىيىسى تېخىمۇ كۆپ پۇل چىقارغان.
   بۇ مۇسابىقە پەسلىدە ،ئەنگىلىيە بىرلەشمىسىدىكى تۆت كوماندا 130مىليون مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ،بۇلتۇرقىدىن 13مىليون ئازلايدۇ،بۇنىڭ سەۋەبى مانچېستېر بىرلەشمىسى، مانچېستېر شەھرىنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولمىغان.

 

Basbas.CN ©2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
互联网电子公告(BBS)服务资质  |  移动网信息服务业务资质
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 15999163133 تور بېكەت مەزمۇن باشقۇرغۇچىسى :18999105493 ئىشخانا : 2848484 -0991