
3كۈن ئىچىدە بارسلۇنا كوماندىسى بۇ پەسىلدىكى ئەڭ مۇھىم بولغان 2لۇڭقىدىن قۇرۇق قالدى .ئالدىنقى ھەپتە ئۆتكۈزلگەن ئىسپانىيە بىرلەشمە مۇسابىقىسدە ساھىبخان مەيداندا خان مادىرىت كوماندىسغا ئۇتتۇرۇپ ،يەنە 4ئايلانما بىرلەشمە مۇسابىقە قالغان ئەھۋال ئاستىدا خان مادىرىت كوماندىسىدىن 7نۇمۇر ئارقىدا قېلىپ، ئىسپانىيە بىرلەشمە چېمپيۇنلۇق لۇڭقىسىدىن خوشلاشتى .72سائەتتىن كىيىن يەنە ياۋۇرپا چېمپيۇنلۇق لۇڭقىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئېنگىلاند زەردارى چېلسى كوماندىسى تەرىپىدىن شاللىنىپ ياۋۇرپا چېمپيۇنلۇق لۇڭقىسىدىنمۇ خوشلاشتى .
ماكا گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشچە بارسلۇنا كوماندىسىغا ھازىر بىرلەشمە چېمپيۇنلۇق لۇڭقىسى ۋە ياۋۇرپاچېمپيۇنلۇق لۇڭقىسى يوق بولدى .بۇ ئۈچ كۈن بارسلۇنا كوماندىسىنىڭ گۇئاردىيالا دەۋىردىكى ئەڭ قارا باسقان كۈنى بۇلۇپ قالدى . ئۇلارغغا ھازىر پەقەت شاھلىق لۇڭقىسىلا ئېشىپ قالدى.ئەگەر شاھلىق لۇڭقىسىدا غەلبە قىلالىسا ،بارسلۇنا كوماندىسغا بۇ پەسىلدە يەنە دەرىجىدىن تاشقىرى لۇڭقا قاتارلىقلار بار.ئەگەر بۇ لۇڭقىلارغا ئېرىشەلىسە ئۇلارنىڭ لۇڭقا سانى يەنە 4كە يېتىدۇ .لىكىن بۇ لۇڭقىلارنىڭ سالمىقى بىرلەشمە چېمپيۇنلۇق لۇڭقىسى ۋە ياۋۇرپاچېمپيۇنلۇق لۇڭقىسغا يەتمەيدۇ .ھازىرقى كوماندىنىڭ ئۇمۇمىي ئەھۋالىدىن قارىغاندىىمۇ بۇ نەتىجەئۇلارنى ئانچە رازى قىلمايدۇ . |