باش بەت | پۇتبول كۆزنىكى | شىنجاڭ تەنتەربىيەسى | ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە | ۋاسكېتبول دۇنياسى | ئۇنۋېرسال تەنتەربىيە
 
نۆۋەتتىكى ئورنى:باش بەت >> ئۇنۋېرسال تەنتەربىيە >>  
 
ئوغلانىمىز مۇھەممەتتۇرسۇن
 
يوللىغان ۋاقىت:2012-04-13 12:11:00  يازغۇچى:گۈلمىرە  كىلىش مەنبەسى:www.basbas.cn  ئاۋاتلىقى:0   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]

    

        بېيجىڭ ۋاقتى 4- ئاينىڭ 8- كۈنى ، 2012- يىللىق لوندون ئولىمپىك يىغىنى بوكس تۈرى ئاسىيا رايونى سالاھىيەت مۇسابىقىسى قازاقىستان پايتەختى ئاستانىدا تۆتىنچى كۈنىدىكى مۇسابىقىلىرى ئاياغلاشتى. 69 كىلوگرام دەرىجە ئايرىمىسىدا ، جۇڭگو كوماندىسىنىڭ چەسۇر پالۋىنى مۇھەممەتتۇرسۇنچوڭ 22-8 نەتىجە بىلەن رەقىبى بولغان قىرغىزىستان ماھىرى  ئەسەدۇللا بويمۇرودوف  نى مەغلۇپ قىلىپ ، سەككىز كۈچلۈك ماھىر قاتارىغا كىردى.  مۇھەممەتتۇرسۇنچوڭ يېقىنقى يىللاردىن بىرى دۆلەت ئىچىدىن  چىققان ئەمەلىي كۈچى يوقىرى، تاكتىكا- تېخنىكا جەھەتتە ئالاھىدە ئىقتىدارغا ئىگە مۇنەۋۋەر بوكس ماھىرى بولۇپ، ئىلگىرى بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا قاتناشقان، ئۆتكەن يىلى 64 كىلوگرام دەرىجىسىدىن 69   كىلوگرام دەرىجىسىگە ئۆرلىگەن، ھەمدە مەملىكەتلىك لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە ، يوقىرى ئۈستۈنلۈك بىلەن چېمپىيون بولغان. ئۆتكەن يىلى گۇاڭجۇ ئاسىيا تەنھەرىكەت يىغىنىدا مىس مېدالغا ئېرىشكەن، خەلقئارا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدىن بۇرۇن كورىيە ئاسىيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە تۈنجى چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭگو بوكس تۈرىنىڭ بۇ دەرىجىدە تارىخى بۆسۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان.
         بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە ، مۇھەممەتتۇرسۇنچوڭ بىرىنچى مەيداندا فىلىپپىن ماھىرى لوپېز بىلەن ئۇچراشقان، بۇ ماھىرنىڭ ھۇجۇمى ئۇنىڭغا نىسبەتەن ناھايىتى تۇنۇش بولغانلىقى ئۈچۈن، نەتىجىدە  مۇھەممەتتۇرسۇنچوڭ 20-10 نەتىجە بىلەن غەلىبە قىلغان.
       بۈگۈنكى مۇسابىقىدە، مۇھەممەتتۇرسۇنچوڭ قىرغىزىستان ماھىرى ئەسەدۇللا بويمۇرودوف بىلەن ئۇچراشتى، ئەسەدۇللا بويمۇرودوف  بولسا 2009- يىلى مىلان خەلقئارا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ بۇ دەرىجىسىدە سەككىز كۈچلۈك ماھىر قاتارىغا كىرگەن، 2009- يىلى پرىزىدىنېت لوڭقىسى تالىشىش مۇسابىقىسىدە سەككىز كۈچلۈك ماھىر قاتارىغا كىرگەن، ئۆتكەن يىلى رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرالماي بالدۇرلا شاللىنىپ كەتكەن.

 

Basbas.CN ©2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
互联网电子公告(BBS)服务资质  |  移动网信息服务业务资质
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 15999163133 تور بېكەت مەزمۇن باشقۇرغۇچىسى :18999105493 ئىشخانا : 2922567 -0991