

شىنلاڭ تەنتەربىيە خەۋىرى بېيجىڭ ۋاقتى 4- ئاينىڭ 10- كۈنى« پۇتبول شاھى»پېلى برازىلىيە داڭلىق كۇلۇبى سانتوس كوماندىسىنىڭ يۈز يىللىق تەبرىكلەش مۇراسىمىغا قاتناشقان. ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئۇ<سىلەر بىرازىلىيىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئولىمپىك يىغىنىدا چېمپىيون بولۇپ باقمىغانلىقىمنى سەۋەبىنى بىلەمسىلەر؟ چۈنكى مەن قاتناشمىغان.> دېگەننى بىلدۈرۈپ، كىشىلەرنى ھەيران قالدۇردى. 71 ياشلىق برازىلىيە پۇتبول چولپىنى پېلى سانتوس كۇلۇبنىڭ يۈز يىللىق تەبرىكلەش مۇراسىمىدا، < سىلەر بىزنىڭ برازىلىيە ئەرلەر پۇتبول كوماندىسىنىڭ ئولىمپىك يىغىنىدا چېمپىيون بولۇپ بولمىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى بىلەمسىلەر؟ مەن 16 ياشتىن باشلاپ پۇتبول ئويناشقا باشلىدىم ھەم دۆلەت كوماندىسىغا تاللاندىم، بىراق شۇ ۋاقىتتا ئولىمپىك يىغىنىغا كەسپى پۇتبولچىلارنىڭ قاتنىشىشى چەكلەندى، شۇ سەۋەبلىك مەن قاتنىشالمىدىم، برازىلىيە ئەرلەر پۇتبول كوماندىسىمۇ ئولىمپىك يىغىنىدا چېمپىيونلۇق لۇڭقىسىنى ئىلىپ باقمىدى.> دېدى. پېلى برازىلىيە ئەرلەر پۇتبول كوماندىسىنىڭ بۇ يىل 8- ئايدىكى لوندون ئولىمپىك يىغىنىدا چېمپىيونلۇق لوڭقىسىنى قۇلغا كەلتۈرۈشىگە ئىلھاملاندۇرۇپ، < ھازىر بىزنىڭ ئەڭ ياخشى پۇتبولچىلىرىمىز بار، برازىلىيە كوماندىسى بۇ پۇتبول تۈرىنىڭ ئالتۇن مېدالنى ئىلىشقا بەك ئېھتىياجلىق > دېدى. بۇ قېتىم برازىلىيە كوماندىسىنىڭ ماھىرلىرى خىل بولۇپ، سانتوس، نېيمار ، گەنسۇ قاتارلىق تالانت ئىگىلىرى برازىلىيە تارىخىدىكى تۇنجى ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلىدۇ. |