
تېڭشۈن تەنتەربىيە خەۋىرى : سان سىرو مەيدانىدا بارسېلونا كوماندىسى بىلەن تەڭلەشكەن مۇسابىقىدە ، پۈتۈن دۇنيا كىشىلىرى قىزىل قارا ئارمىيەنىڭ ھەقىقەتەن كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتى ، ھەم ھازىرقى مىلان كوماندىسى ئەزالىرىنىڭ يېشى قېرىلىشىشقا قاراپ يۈزلەنگەنلىكىنى ، كوماندىنىڭ بۇ يىل يازدا كۆپرەك مەبلەغ چىقىرىپ ، پۈتۈن كوماندىنى بىر قۇر تەرتىپكە سېلىشى كېرەكلىكىنى بىلدى .
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەرگە قارىغاندا ، مىلان كوماندىسى 3-ئاينىڭ ئاخىرىدا بۇ يىل يازدا توختام ۋاقتى توشىدىغان توپچىلار بىلەن توختامنى ئۇزارتىش ئىشىنى سۆھبەتلىشىشنى باشلىغان بولۇپ ، باش تېرىنىر ئاللېگرىي نېستا ، يېپېس ، زامبىروتتا قاتارلىق يېشى 35 دىن ئاشقان بۇ توپچىلار بىلەن قايتا توختام ئىمزالىماسلىق توغرىسىدا قارار چىقارغان ، مىلان كۇلۇبىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى گاللىيانىمۇ بۇ قارارنى قوللىغان .
مىلان كوماندىسىنىڭ كوماندا باشلىقى ئامبىروسىنىغا قارىتا ، ئاللېگرىي يەنە بىر يىل توختام تۈزۈش كېرەك دەپ قارىغان .
ئىگىلىنىشىچە ، مىلان كوماندىسى بۇ مۇسابىقە پەسلىنىڭ بېشىدا گېنوئا كوماندىسى بىلەن مېركېل ۋە شاراۋىينى ئالماشتۇرغان بولۇپ ، بۇ قېتىم مىلان كوماندىسى يازلىق ئالماشتۇرۇش مەزگىلىدە مېركېلنىڭ ئۈستىگە 5مىلىيۇن 500مىڭ ياۋرۇ قوشۇپ بېرىپ ، شاراۋىينى رەسمىي سېتىۋالماقچى بولىۋېتىپتۇ . مىلاننىڭ شاراۋىيغا قويغان باھاسى 20مىلىيۇن ياۋرۇغا يەتكەن بولۇپ ، بۇ پاتودىن كېيىنكى مىلان كوماندىسىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق چوڭ سودىسى ئىكەن . گېنوئا كۇلۇبىنىڭ رەئىسىمۇ بۇنىڭغا قارىتا :«گاللىيانى 1-ئايدا ماڭا بۇ پىلانىنى بىلدۈرگەن ئىدى ، نۆۋەتتە بۇنىڭدا يەنە يېڭى ئۆزگىرىش بولدى ، مەن شۇنداق دىيەلەيمەنكى مېركېل گېنوئا كوماندىسىدىن ئايرىلمايدۇ ،ئۇ بىز بىلەن بىللە » دېگەن . ئۇنىڭ بۇ گەپلىرىدىن قارىغاندا مىلان كۇلۇبىنىڭ شاراۋىينى سېتىۋېلىش ئىشى ئوڭۇشلۇق بولىدىغاندەك تۇرىدۇ .
|