
شىنلاڭ تەنتەربىيە خەۋىرى، بېيجىڭ ۋاقتى 3-ئاينىڭ 30-كۈنى كەچتە، 2011-2012پەسىللىك CBA ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ بەشىنچى مەيدان مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلىپ، بېيجىڭ كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا گۇاڭدۇڭ كوماندىسىنى كۈتۈۋالدى. تۆت كونتىرلىق كەسكىن رىقابەتلىشىشتىن كېيىن ، بېيجىڭ كوماندىسى 124-121 نەتىجە بىلەن گۇاڭدۇڭ كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئومۇمىي نەتىجە بېيجىڭ كوماندىسى 4-1 بولۇپ بۇ پەسىللىك CBAتارىخىدىكى تۈنجى چىمپېيونلىقىنى قولغا كەلتۈردى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، گۇاڭدۇڭ كوماندىسىدىن، بىروكىس 33 نومۇر9 گاردىن قايتقان توپ، 5 ياردەمچى ھۇجۇم قىلغان، شىگېردون 29 نومۇر 9 گاردىن قايتقان توپنى ئالغان ، دۇڭ خەن لىن 14 نومۇر10گاردىن قايتقان توپ، جۇ پېڭ 22 نومۇر ،6 گاردىن قايتقان توپ ئالغان.
 بېيجىڭ كوماندىسىدىن، ماربۇرىي 41 نومۇر، 3 گاردىن قايتقان توپ، 2 قېتىم قارشى تەرەپ ھۇجۇمىنى بۇزغان ،7 ياردەمچى ھۇجۇم قىلغان، ،مۇررىس 14 نومۇر، 8 گاردىن قايتقان توپنى ئالغان، جەي شىياۋ چۈەن 22 نومۇر ئالغان، جى جې 10 نومۇر، 8 گاردىن قايتقان توپنى ئالغان، جۇ يەن شى 16 نومۇر، 5 گاردىن قايتقان توپنى ئالغان، لى شۆ لىن 16 نومۇر ئالغان.
 باشقا جەھەتتە: گۇاڭدۇڭ كوماندىسى پۈتۈن مەيدان مۇسابىقىدە، 49 گاردىن قايتقان توپنى ئالغان، بېيجىڭ كوماندىسى 40 گاردىن قايتقان توپنى ئالغان، گۇاڭدۇڭ كوماندىسى 10 قېتىم خاتالىق سادىر قىلغان، بېيجىڭ كوماندىسى 9 قېتىم خاتالىق سادىر قىلغان.
|