باش بەت | پۇتبول كۆزنىكى | شىنجاڭ تەنتەربىيەسى | ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە | ۋاسكېتبول دۇنياسى | ئۇنۋېرسال تەنتەربىيە
 
نۆۋەتتىكى ئورنى:باش بەت >> پۇتبۇل كۆزنىكى >>  
 
چېلسى كاۋانىنى ئەكىلىش ئۈچۈن سۆھبەتنى باشلىماقچى
 
يوللىغان ۋاقىت:2012-03-30 10:41:07  يازغۇچى:گۈلمىرە  كىلىش مەنبەسى:www.basbas.cn  ئاۋاتلىقى:0   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]
ئەنگلىيە«كۈندىلىك پوچتا»گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، چېلسى كوماندىسى كېلەر مۇسابىقە پەسلىدىكى نەتىجىسىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ياراملىق بىر ھۇجۇمچى ئىزدەۋاتقان بولۇپ، ناپلېس كوماندىسىدىكى ئۇرۇگۋايلىق ھۇجۇمچى كاۋانى چېلسى كوماندىسىنىڭ بىرىنجى نامزاتى بولۇپ قالغان.
ئانېلكانىڭ كوماندىدىن ئايرىلىپ جۇڭگوغا كېلىشى، دىروگبانىڭمۇ يازدا كوماندىدىن ئايرىلدىغانلىقى، توررېسنىڭ تازا دېگەندەك ئېچىلالماسلىقى، ئۆتكەن يىلى قېتىلغان يېڭى ماھىر لۇكاكۇنىڭ پىشمىغانلىقى دېگەندەك سەۋەبلەر تۈپەيلى چېلسى كوماندىسى پىشقان، ئۆزىنى چوڭ مۇسابىقىلەردە ئىسپاتلاپ باققان، توپ كىرگۈزۈش ئۈنۈمى يۇقىرى بىر ھۇجۇمچى ئىزدەۋاتقان بولۇپ، ناپلېس كوماندىسىدىكى كاۋانى دەل يۇقىرىقى شەرتلەرنىڭ ھەممىسىگە چۈشىدىغان ماھىر ھېسابلىنىدۇ.ئۇ بۇ يىلقى مۇسابىقە پەسلىدە ئىتالىيە بىرلەشمە مۇسابىقىسى ۋە ياۋروپا چېمپىيونلۇقى مۇسابىقىلىرىدە جەمئىي 23 توپ كىرگۈزدى. چېلسى كۇلۇبى ئۇنىڭ ئۈچۈن 35 مىليون ياۋرولۇق باھا قويغان بولۇپ، ئەنگىلىيىدىكى «كۈندىلىك پوچتا»گېزىتىنىڭ خەۋىرىگەئاساسلانغاندا، ناپلېس بىلەن چېلسى كوماندىسى ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەت 3-ئاينىڭ 30–كۈنى ئېلىپ بېرىلىدىكەن.
 

Basbas.CN ©2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
互联网电子公告(BBS)服务资质  |  移动网信息服务业务资质
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 15999163133 تور بېكەت مەزمۇن باشقۇرغۇچىسى :18999105493 ئىشخانا : 2922567 -0991