ئابىدال كىلەر ھەپتىنىڭ بىرى جىگەر كۆچۈرۈش ئوپراتسىيىسى قىلىدۇ،بۇنىڭ بىلەن فىرانسىيە پوتبولچىسى بەلكىم پۇتبول ھاياتى بىلەن خوشلىشى مۇمكىن ،بارىسلونا كوماندىسى شاركې 04 كوماندىسىدىكى فوكوسنى ئۇنىڭ ئىز باسارى قىلىشنى ئويلىشىۋاتقان ئىكەن. بىر ھەپتە بۇرۇن ئۆزىنىڭ تور بېكىتىدە ئابىدالنىڭ جىگەر كۆچۈرۈش ئوپراتسيىسى قىلىدىغانلىغىنى ئېلان قىلغان بۇلۇپ ئوپراتسىيەنىڭ ئېنىق ۋاقتىنى بىلدۈرمىگەن،لىكىن ئابىدال ھايات جىگەرگە ئېرىشكەنلىگى ئۈچۈن كىلەر ھەپتىلا ئوپراتسىيە قىلىنىدىغانلىغى فىرانسىيە ئەترەت گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان. ئسىپانىيەنىڭABCگېزىتىنىڭ خەۋرىگە ئاساسلانغاندا ئابىدال كىچىك ۋاقتىدىكى دوستىنىڭ ياردىمىگە ئېرشكەن بۇلۇپ بۇنىڭ بىلەن ئوپراتسىيەنىڭ ۋاقتى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.بىراق 《ئەترەت گېزىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە ئابىدالغا ياردەم قىلغان ئۇنىڭ جىيەن ئىنىسى بۇلۇپ ئۇ ھازىر بارسلوناغا كەپ بولغان ئىكەن،كۈندىلىك تەنتەربىيە خەۋىرى گېزىتىمۇ بۇنى ئاشكارىلىغان. گەرچە جىگەر كۈچۈرۈش ئوپراتسىيەسى قىلىنىدىغان بولسىمۇ ئابىدال كۈندىلىك مەشىقنى تاشلىمىغان،جۈمە كۈندىكى ئەتىگەنلىك مەشىققە ۋاقتىدا قاتناشقان،بەلكىم ئۇ ئۆزىنىڭ پوتبول ھاياتىنىڭ ئاياغلىشىشغا ئۇزۇن ۋاقىت قالمىغانلىغىنى ھىس قىلغان،كۈندىلىك تەنتەربىيە خەۋىرى گېزىتىنىڭ بىلدۈرىشىچە ئوپراتسىيەدىن كېيىن ئۇنىڭ پوتبول ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇش ئىمكانىيىتىنىڭ يوق دىيەرلكلىگىنى بىلدۈرگەن ،بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ 12يىللىق پوتبول ھاياتى شۇنىڭ بىلەن ئاياغلىشىشى مۇمكىن ئىكەن. |