تېۋېز مانچىستىر شەھىرى كوماندىسىنىڭ چېلسى كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە مەيدانغا چىقىدىكەن ، ئەمما يەنىلا زاپاس ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىقىدىشى مۇمكىن . تېۋېز بۇ ھەپتە ئوتتۇرىدىكى چېلسى كوماندىسى بىلەن ئوينايدىغان مۇسابىقىنىڭ تېزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ ، ئەمما ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ پەرىزىچە ، ئۇ يەنىلا زاپاس ئازا سۈپىتىدە مەيدانغا چىقىشى مۇمكىن ئىكەن .
مانچىستىر شەھىرى كوماندىسىنىڭ ئالدىنقى كوماندا باشلىقى بولغان تېۋېز ئۆتكەن يىلى بايرىن كوماندىسى بىلەن ئوينىغان بىر مەيدان ياۋرۇپا چېمپىيونلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە ، مەنچىنىنىڭ بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلىپ ، زاپاس ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىقىشنى رەت قىلغان بولۇپ ، مۇشۇ ئىش سەۋەبىدىن ئىككىنچى قېتىم مەيدانغا چىقىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن . گەرچە مانچىستىر شەھىرى كۇلۇبى تەرەپ ئۇنى قىشلىق ئالماشتۇرۇش مەزگىلىدە سېتىۋېتىشنى پىلانلىغان بولسىمۇ ، ئەمما ئۇلارنىڭ شەرتىنى قانائەتلەندۈرەلىگىدەك بىرەر كۇلۇب چىقمىغان ، تېۋېز يەنىلا مۇشۇ كۇلۇبتا قېلىپ قالغان . كوماندا ئالمىشىش ئىشى ئوڭۇشلۇق بولمىغاندىن كېيىن ، قايتىدىن مەيدانغا قايتىش ئۈچۈن ئۇ ئاخىرى مەنچىنى بىلەن يارىشىپ قېلىشقا ماقۇل بولغان ، ئارگىنتىنالىق چولپان كەچۈرۈم سورىغاندىن كېيىن مەنچىنىمۇ ئۇنىڭغا مەيدانغا چىقىش پۇرسىتى بېرىشكە ماقۇل بولدى . ئۇنىڭ كېيىنكى مۇسابىقىلەردە يەنە داۋاملىق مەيدانغا چىقىش ، چىقالماسلىقى ئۇنىڭ نۆۋەتتىكى ئىپادىسىگە باغلىق بولۇپ قالدى . |