بولتون كۇلۇبى مۇئامبانىڭ كېسىلىنىڭ ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈزلەنگەنلىك خەۋىرىنى ئېلان قېلىنغاندىن كېيىن ، يەنە بىر خوش-خەۋەر يېتىپ كەلدى . «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، مۇئامبانىڭ بىر يېقىن دوستى ئۇنىڭ ھازىر گەپ قىلالايدىغان ھالەتكە كەلگەنلىكىنى ئېيتقان ئىكەن .
بولتون كوماندىسى بىلەن توتىنھام كوماندىسى مۇسابىقىسىدە بۇ ياش چولپان يۈرىكى سوقۇشتىن توختاپ يېقىلغانچە ، بىركۈندىن ئارتۇق ۋاقىت ھېچقانداق ئىنكاس يوق ھالدا يېتىپ قالغان ئىدى ، ئەمما تۆنۈگۈنكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا مۇئامبانىڭ يۈرىكى يەنە قايتىدىن ھەرىكەتكە كەلگەن . گەرچە ئۇنىڭ يۈرىكى سوقۇشقا باشلىغان بولسىمۇ ئەمما داۋالاش ئۈسكىنىلىرىنىڭ ياردىمى ئاستىدا بولغان ، دوختۇرلارنىڭ قارىشىچە خېلى ئوزۇن ۋاقىتقىچە شۇنداق بولىدىكەن . كىشىنى تولىمۇ خوش قىلىدىغىنى ، ئۇ ئاللىقاچان ئۆز ئائىلىسىدىكىلەرنى تونىيالىغان ، ھەم گەپ قىلالىغان . گەرچە ئۇ ھازىر ئۈسكىنىلەرنىڭ ياردىمىدە مۇشۇنداق تۇرىۋاتقان بولسىمۇ ، ئەمما ئۇنىڭ ئەھۋالى كۈندىن-كۈنگە ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈزلەنگەن ، مۇشۇ تەرىقىدە باشقىچە ئۆزگىرىش بولماي قالسا ، بەلكىم يېقىن كەلگۈسىدە تېخىمۇ ياخشى بولۇپ كېتىشى مۇمكىن . نۆۋەتتە ياۋرۇپادىكى پۈتۈن توپ مەستانىلىرى ۋە توپچىلار ئۇنىڭ بالدۇر ساقىيىشى ئۈچۈن مەدەت بەرمەكتە ۋە ئۇنىڭغا بەخت تىلىمەكتە .
|