
بېيجىڭ ۋاقتى 16-مارت،خيوستون ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرى:راكېتا كوماندىسى بىلەن لېيكرىس كوماندىسى سودىلىشىش مەزگىلىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پەيتلىرىدە سودىسىنى تاماملىدى.راكېتا كوماندىسى دېرېك فىشېر بىلەن لېيكرىس كوماندىسىنىڭ 2012-يىللىق يېڭى ئەزا تاللاش مۇراسىمىدىكى بىرىنچى ئايلانمىدا تاللاش ھوقۇقىغا ئېرىشتى،لېيكرىس كوماندىسى بولسا جوردان خىيلغا ئېرىشتى. جوردان خىيلنىڭ بۇ پەسىللىك مۇسابىقىلەردە ئوتتۇرىچە مەيدانغا چىققان ۋاقتى 15 مىنۇت بولۇپ،ھەر بىر مەيداندا تەخمىنەن 5 نومۇر ۋە 4.8 گاردىن قايتقان توپ ئالغان.«قېرى بېلىق»فىشېر بولسا بۇ پەسىللىك مۇسابىقىلەردە ئوتتۇرىچە مەيدانغا چىققان ۋاقتى 26 مىنۇت بولۇپ،ھەر بىر مەيداندا تەخمىنەن 5.9 نومۇر ۋە 2.1 گاردىن قايتقان توپ ئالغان ۋە 3.3 قېتىم ھۇجۇم پاسى بەرگەن. جوردان خىيلنىڭ توختامىنىڭ ۋاقتى بۇ پەسىللىك مۇسابىقىلەر ئاخىرلاشقاندا توشىدىغان بولۇپ،ئۇ چاغدا ئۇ چەكلىمىلىك ئەركىن توپچىغا ئايلىنىدۇ.دېرېك فىشېرنىڭ كېلەر مۇسابىقە پەسلىدىكى ئەزالار تاللاش ھوقۇقى بار بولۇپ،ئەگەر ئۇ ئىجرا قىلمىسا،بۇ پەسىللىك مۇسابىقىلەر ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئۇ مۇتلەق ئەركىن توپچىغا ئايلىنىدۇ. |