
بېيجىڭ ۋاقتى 11-مارت سائەت 22 دە 20112012-پەسىللىك ئىتالىيە بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ 27-ئايلانما مۇسابىقىسىدە AC مىلان كوماندىس ساھىبخان مەيداندا 2:0 نەتىجە بىلەن لېسسىي كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى، ئالدىنقى يېرىم مەيداندا نوچىنىرو بىر توپ كىرگۈزدى، كېيىنكى يېرىم مەيدان يىبۇ بىر توپ كىرگۈزدى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە AC مىلان كوماندىسى غەلبە قىلغاندىن كېيىن تىزىملىكتىكى ئورىنى يەنىلا بىرىنچى ئورۇندا، لېكىن يوۋېنتس كوماندىسى بىلەن بولغان نۇمۇر پەرقىنى 4 كە يەتكۈزدى.
AC مىلان كوماندىسى بىلەن لېسسي كوماندىسى تارىختا 28 مەيدان تۇتۇشقان بولۇپ، AC مىلان كوماندىسى 16 مەيدان يېڭىپ، 10 مەيدان تەڭلىشىپ، 2 مەيدان ئۇتتۇرغان، 52 توپ كىرگۈزۈپ، 21 توپ كەتكۈزگەن. |