
شىنلاڭ تەبتەربىيە خەۋىرى :يىقىندىن بىرى مۇسابىقە نەتىجىسى ياخشى بولمايۋاتقان ئىنگىلانىد زەردار كوماندىسى چىلسىي كوماندىسى بۈگۈن كۇلۇپ تور بىتىدە ئاندىرى بوئاسنىڭ چىلسىي پۇتبول كۇلۇبىدىن ئايرىلغانلىغى،ئۇنىڭ ئەمدى كوماندىسىنىڭ باش تېرنىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىمەيدىغانلىغىنى ئىلان قىلدى.بۇ خەۋەر كۇلۇپ تور بىتىدە ئىلان قىلىنغان بولۇپ،كۇلۇپ بوئاسنىڭ كۇلۇپقا قوشقان تۆھپىسىگە تەشەككۈر ئىيتقاندىن كىيىن،ئىككى تەرەپ ھەمكارلىغىنىڭ بالدۇر ئاخىرلاشقانلىغىدىن ئەپسۇسلىندىغانلىغىنى،ھەمدە كوماندىنىڭ نەتىجىسى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغاچقا مۇشۇنداق قارار چىقارغانلىغىنى بىلدۈرگەن. نۆۋەتتە چىلسىي كوماندىسى تۈرلۈك مۇسابىقىلەرنىڭ ھالقىلىق باسقۇچىدا تۇرىۋاتقان بولۇپ،ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسى ۋە پۇتبولچىلار ئۇيۇشمىسى لوڭقىسىدا شاللىنىپ كىتىش گېردابىغا بىرىپ قالدى،ئىنگىلانىد بىرلەشمىسىدە ئالدىنقى 4-لىكنى ساقلاپ قىلىش ۋە تۈرلۈك مۇسابىقىلەردە كوماندىنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن،چىلسىي كۇلۇپ تەرەپ مۇشۇ قارارنى چىقارغان. بوئاسنىڭ ئىشتىن بوشىتىلشىنىڭ ئەڭ تۈپ سەۋەبى كوماندىنىڭ نەتىجىسىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولماسلىقى بولۇپ،بۇ تەرەپنى كۇلۇپ ناھايىتى ئىنىق ئىيتقان بولۇپ،ئۇ چىلسىيغا كەلگەن 8 ئايدىن بۇيان كوماندىنىڭ نەتىجىسى تازا ياخشى بولماي كەلدى،چۈنكى چىلسىي كوماندىسى ئۇنى بورتودىن 13 مىليۇنغا يۆتكەپ كەلگەن بولسىمۇ،لىكىن 13 مىليۇنلۇق بوئاسنىڭ نەتىجىسى پورتۇگالىيە بىرلەشمىسىدىكى نەتىجىسىگە يەتمىدى،ئۇ بۇلتۇر بورتو كوماندىسىنى يىتەكلەپ.پورتىگالىيە بىرلەشمىسى،ياۋرۇپا پۇتبولچىلار بىرلەشمە لوڭقىسى ۋە پورتىگالىيە لوڭقىسىغا ئىرىشكەن ئىدى.
|