
شىنلاڭ تورى خەۋىرى :پارىژ گىرمەين كوماندىسى يىللىق مائاش 9 مىليون باھا بىلەن خاۋېينى سېتىۋالماقچى بولغان، لېكىن بارسېلونا كوماندىسىنىڭ يادروسى خاۋېي بۇ توختامغا ئىمزا قويۇشنى رەت قىلغان. ئۇ « كۈندىلىك تەنتەربىيە گېزىتى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئۇ نوكەنپۇدىن ئايرىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
پارىژ گىرمەين كوماندىسىنىڭ خوجايىنى ناسار چولپان توپچىلارنى سېتىۋىلىش ئارقىلىق كوماندىنى جانلاندۇرماقچى بولغان.ئۇ لېئوناردو، ئەنچىلودې پاستورىي قاتارلىق چولپانلارنى ئەكەلدى. قىشلىق يۆتكلىش بازىرىدا پاتونى ئەكلىشىكە ئاز قالدى. ئەمدى ئۇ بارسېلونا كوماندىسىنىڭ ئوتتۇرا مەيدان يادروسى خاۋېينى سېتىۋالماقچى بولغان، گەرچە خاۋېي 32 ياشقا كىرىپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنە ئۇزۇن مۇددەت ھازىرقىدەك ياخشى ھالىتىنى ساقلىيالايدۇ. خاۋېي خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسى ئىتراپ قىلغان ئوتتۇرا مەيدان پېشۋاسى.
خاۋېيغا ئېرىشىش ئۈچۈن ناسار يىللىق 9 مىليون يۇقىرى مائاش، ھەمدە بارسېلونا كوماندىسىغا 80 مىليون يۆتكىلىش ھەققى بەرمەكچى بولغان. بۇ يۆتكىلىش باھاسى پەقەت C رونالدودىن تۆۋەن تۇرىدۇ. 9 مىليون مائاش ئېيتو، مېسسى ۋە Cرونالدودىن قالسىلا تۆتىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. لېكىن خاۋېينىڭ ۋاستىچىسى :« خاۋېي بارسېلونا كوماندىسى بىلەن 2014-يىلغىچە توختام تۇزگەن، ئۇنىڭ پىلانىدا ئۇ بارسېلونا كوماندىسىدىن ئايرىلىشنى ئويلاپ باقمىدى.» دېدى. |