2-مارت ،فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ساكىچ باسك رايونىدا سايلام پائالىيەتىگە قاتنىشۋاتقىنىدا ،نەچچە يۈزنامايىشچىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان نامايىشچىلاردىن بەزىلىرى سەت گەپ بىلەن تىلاپ سوخو تورى 1-مارىت خەۋىرى،بۈگۈن ئالدىنقى پەسىللىك جوڭگۇ دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيۇنى،جوڭگۇدىكى ئەڭ باي پۇتبول كۇلۇبى بولغان گواڭجۇ خىڭدا پۇتبول كۇلۇبى يىڭى پەسىللىك ئومۇمى يىغىن ئاچتى.يىغىندا بۇ يىللىق موكاپاتلاش لاھيەسى ئىلان قىلىندى. بۇ لاھيەدە كوماندا ئاسىيا چىمپىيۇنلۇق مۇسابىقىسىدە بىر مەيدان ئۇتسا 6 مىليۇن يۈەن موكاپات،تەڭلەشسە 3 مىليۇن يۈەن موكاپات بىرىلدىغانلىغى،جوڭگۇ دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدە بىر مەيدان ئۇتسا 3 مىليۇن يۈەن موكاپات بىرىلىدىغانلىغى،ئەگەر ئۇتتۇرسا 3 مىليۇن كىمەيتىلدىغانلىغى بەلگىلەندى. ئىگىلىنىشچە بۈگۈنكى يىغىنغا خىڭدا گۇروھىنىڭ لېدىرى شۈ جىيايېن،ھەمدە كۇلۇپ رەئىسى لىيۇ يوڭ يۇن،باش تېرىنىر لى جاڭجۇ ۋە خىڭدا كۇلۇبىنىڭ بارلىق پۇتبولچىللىرى قاتناشقان.
|