
2011 -2012يىللىق جۇڭگو ئەرلەر كەسپى ۋاسكېتبول مۇسابىقىسىنىڭ 2-باسقۇچلۇق مۇسابىقىسىنىڭ 3-ئايلانما مۇسابىقىسى ئۈلۈشكۈن ئوينالدى .شىنجاڭ <ۋولۋو>كوماندىسى <قىزىلتاغ >تەنتەربىيە سارىيىدا مېھمان كوماندا <دۇڭگۈەن ماركوپولو >كوماندىسىنى 115:121نەتىجە بىلەن يېڭىپ ،ئومومىي نەتىجە كوماندىسىدىن ئېشىپ كەتتى .
1-چارەك مۇسابىقىسىدە مۇسابىقە باشلىنىشى بىلەن تەڭ <ۋولۋو >ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ تۇرغان بولسىمۇ ،ئارلىقتا <دوڭگۇەن ماركوپولو >كوماندىسى نەتىجىنى تەڭلەشتۈرۋالدى .
ئەمما ئۇزاق بارماي شىنجاڭ كومانسىسىنىڭ ئەزالىرى نومۇرنى ئاشۇرۇپ 1-چارەكتە تۆت نومۇر ئالدىدا تۇردى .
2-چارەك مۇسابىقىدە <ۋولۋو>كوماندىسىدىكى ماھىرلار ماسلىشىپ ئويناپ 12نومۇر پەرق بىلەن مۇسابىقىنى ئاخىرلاشتۇردى .قالغان چارەك مۇسابىقىلەردە ئىككى تەرەپ كەسكىن ئېلىشقان بولسىمۇ ،شىنجاڭ كوماندىسى كەلگەن پۇرسەتلەرنى قولدىن بەرمەي ئاخىرىدا غەلبىنى قولغا كەلتۈردى .
|