2 2-فېۋرال كەچقۇرۇن،جوڭگۇ ئەرلەر دۆلەت پۇتبول كوماندىسى چاڭشا شاخې تەنتەربىيە مەيدانىدا،كۇۋەيىت كوماندىسى بىلەن بىر مەيدان دوسىتلۇق مۇسابىقىسى ئوينىدى. بۇ جوڭگۇ دۆلەت كوماندىسىنىڭ 2012-يىلدىكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسى بولۇپ،90 مىنۇتلۇق جىددى مۇسابىقە ئارقىلىق جوڭگۇ كوماندىسى 2-0 نەتىجە بىلەن كۇۋەيېت كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى. دۆلىتىمىز كوماندىسى گەرچە دۇنيا لوڭقىسىدىن شاللىنىپ كەتكەن بولسىمۇ،لىكىن 10 كۈچلۈك مۇسابىقىسىنىڭ ئىئوردانىيە بىلەن ئوينايدىغان ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدان مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىش يۈزىسىدىن بۇ مەيدان بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسى ئىلىپ بىرىلغان.ئىگىلىنىشچە دۆلەت كوماندىسى 1-مارىت كۈنى ئىئوردانىيە بىلەن بۇ مۇسابىقىنى ئوينايدىكەن.
|