
ۋاڭيې تەنتەربىيسى 20-فېۋرال خەۋىرى:
شارىك 04 كوماندىسى ئاخىرى بىرلەشمىدە ئۇدا 3 مەيدان مۇسابىقىدە غەلبە قىلالماسلىق ھالىتىنى ئۆزگەرتتى.يەنى گېرمان بىرلەشمىسىنىڭ ئالدىنقى ئايلانمىسىدا 4-0 نەتىجە بىلەن ۋولفىسبۇرىگ كوماندىسىنى يىڭىپ،گېرمانيە بىرلەشمىسى نومۇر جۇغلانمىسىدا بايرېن كوماندىسىغا يىتىشىشكە بىر قەدەملا پەرىق قالدى.كوماندىنى بۇ غەلبىگە ئىرىشتۈرگەن ماھىر دەل ئىسپانىيلىك توپچى رائۇل ۋە ئىنتىرال،ئىككىسى بۇ مەيدان مۇسابىقىدە 3 توپ كىرگۈزۈپ،كوماندىنىڭ غەلبىسىگە ئاساس سالدى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە رائۇلنىڭ ئىپادىسى بەك ياخشى بولدى،گەرچە ئۇنىڭ ئىپادىسى گوللانىيلىك ياش ماھىر ئىنتىرالغا يەتمىسىمۇ،34 ياشقا كىرگەن رائۇل،مۇسابىقە باشلىنىپ 10 مىنۇت بولغاندا بىر توپ كىرگۈزۈپ،كوماندىنىڭ ئالدىن نومۇر ئىلىپ،مۇسابىقىدە تەشەببۇسكار بولۇشىغا ئاساس سالدى.رائۇلنىڭ ئۇرغان توپىنىڭ يەنە بىر ئەھمىيتى شۇكى بۇ توپ رائۇلنىڭ كەسپىي پۇتبولچىلىق ھاياتىدىكى كىرگۈزگەن 400 توپى بولۇپ قالدى.بۇنىڭدىن ئىلگىرى رائۇل خان جەمەتى مادىرىد كوماندىسىدا تۇرغان 10 نەچچە يىل ۋاقتىدا 323 توپ كىرگۈزگەن بولۇپ ئىسپانىيە تارىخدىكى 1-نومۇرلۇق مەرگەنگە ئايلانغان ئىدى،گېرمانىيە بىرلەشمىسىگە كەلگەندىن كىيىنمۇ بۇ ھالىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ 400-توپنى كىرگۈزدى.ئۇ ئىسپانىيە دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 44 توپ كىرگۈزگەن.
|