چەتئەل ئاخباراتچىلىرى شاڭخەي شېنخۇا كۇلۇبى ئەنگلىيە دۆلەت كوماندىسىدىكى ئوتتۇرا بېكچىسى يۇپسوننى يۆتكەپ كېلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغاندىن كېيىن، شېنخۇا كۇلۇبىنىڭ چەتئەلدىن پۇتبولچى تەكلىپ قېلىش گۇرۇپپىسى يۇقىرى قاتلىمى بۇخەۋەرنى دەلىللىدى ھەمدە شاڭخەي شېنخۇا ئەنگلىيە پۇتبولچىسى يۇپسوننى ئاساسەن قولغا كەلتۈرۈپ بولغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئاز دىگەندە 4 مىليون ياۋرو چىقىم قىلىدىغانلىقىنى ئاشكارلىدى. شېنخۇا يۇقىرى قاتلىمى:"بىز ھازىر ئاكتىپ ھالدا يۇپسوننى ئەكىلىش ئىشى ئۈستىدە ھەرىكەتلىنىۋاتىمىز،ئاساسەن پۈتۈپ قالدى، ئەگەر ئوڭۇشلۇق بولسا، ئىجارە ھەققى ۋە يىللىق مائاشى ئۈچۈن شېنخۇا ئاز دىگەندە 4 مىليون چىقىم قىلىدۇ " دېدى. يۇپسون 1979-يىلى 4- ئاينىڭ 18-كۈنى تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇ بۇلتۇر يازدا سىتوك شەھىرى كۇلۇبىغا يۆتكىلىپ كەلگەن.2010- يىلدىكى جەنۇبى ئافرىقا دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە، يۇپسون 81 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئەنگلىيە ئۈچۈن گىرمانىيەگە بىر توپ كىرگۈزگەن. |