ئىتالىيە "مىلان تەنتەربىيە گېزىتى"خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، رىم كوماندىسىنىڭ ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى دېروسسىنىڭ ئۇزارتىش توختامى ئوڭۇشلۇق بولسا، مائاشى ئەڭ يوقىرى بولغان ئىتالىيەلىك توپچى بولۇپ قالىدىكەن.
بۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا، دېروسسى رىم كۇلۇبى بىلەن 2017-يىلغىچە بولغان ۋاقىتنى ئۇزارتىش توختامى تۈزگەن بولۇپ، ئۇنىڭ مائاشى 6 مىلىيون 500 مىڭ ياۋروغا ئۆستۈرۈلىدىكەن. ھازىرچە يۇۋېنتىش ۋاراتاچىسى بۇففىننىڭ يىللىق مائاشى 6 مىلىيون ياۋرو بىلەن مائاشى ئەڭ يوقىرى ئىتالىيەلىك توپچى ئىكەن.
بىراق دېروسسى يەنىلا ئىتالىيە A دەرىجىلىكلەر كۇلۇبىدىكى مائاشى ئەڭ يوقىرى توپچى بولالمايدىكەن، AC مىلان كۇلۇبىدىكى ئىبرايىموۋىچ بىر يىلدا 9 مىلىيون ياۋرو كىرىم قىلىدىكەن،شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە 3 مىلىيون مۇكاپاتىمۇ بار ئىكەن. |