باش بەت | پۇتبول كۆزنىكى | شىنجاڭ تەنتەربىيەسى | ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە | ۋاسكېتبول دۇنياسى | ئۇنۋېرسال تەنتەربىيە
 
نۆۋەتتىكى ئورنى:باش بەت >> ۋاسكېتبول دۇنياسى >>  
 
NBA دائىملىق مۇسابىقىلەر رەسمىي باشلاندى، كۆل ئادىمى تۇنجى مەيداندا ئۇتتۇرۇپ قويدى
 
يوللىغان ۋاقىت:2011-12-27 12:47:01  يازغۇچى:گۈلمىرە  كىلىش مەنبەسى:سوخۇ تورى   ئاۋاتلىقى:42   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]

           

               بېيجىڭ ۋاقتى 26-دېكابىر سەھەر، NBAنىڭ يېڭى مۇسابىقە پەسلىدىكى دائىملىق مۇسابىقىلىرى رەسمىي باشلاندى، بۇنىڭ ئىچىدە كۆل ئادىمى كوماندىسى ئېچىلىش مۇراسىمىدىكى مۇسابىقىدە 87-88 نەتىجە بىلەن بۇقا كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى، كوبى بۇ مەيدان مۇسابىقىدە 28 نومۇر، 7 گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 6 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى. 

            بۇ مەيدان مۇسابىقە كوبىنىڭ 16-مۇسابىقە پەسلىگە قەدەم قويغانلىقى، 14-قېتىملىق روژدېستىۋو چوڭ جىڭىگە قاتناشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، بۇ سانلىق مەلۇماتلار كوبىنىڭ قېرىپ قالغانلىقىدىن خەۋەر بېرىپ تۇرسىمۇ، بىراق ئۇ مەڭگۈ ئۆزىنىڭ چېمپيون بولۇش نىشانىنى ئۆزگەرتمەيدۇ. كۆل ئادىمىكوماندىسى ئودومنى ئالماشتۇرىۋەتكەچكە ئەمەلىي كۈچىدە ئازراق تۆۋەنلەش بولغان، كوبىمۇ ئايالى بىلەن ئاجرىشىش خەۋپى شۇنداقلا قول بېغىشىنىڭ يارىلىنىشى قاتارلىق ئىشلار تۈپەيلى كەيىپىياتى ناچار بولغاچقا، مەيلى كوماندىنى يېتەكلەش بولسۇن ياكى ئۆزىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش جەھەتتە بولسۇن قېيىنچىلىق ناھايىتى چوڭ ئىدى. بىراق كوبى بۇ قىيىنچىلىقلارغا باش ئەگمەي قەيسەرلىك بىلەن ئالغا ئىنتىلدى.

        مۇسابىقىنىڭ چوڭقۇرلىشىغا ئەگىشىپ كوبى ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن بارلىق كىشىلەرگە: مەندە مەسىلە يوق، دېگەننى ئىسپاتلاپ بەردى.  بىراا پۈتۈن مەيدان مۇسابىقىدە ئىپادىسى ئالاھىدە بولۇپ كېلىۋاتقان كوبى ئەڭ ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ باسقۇچلاردا بىر نەچچە ھالقىلىق خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويۇپ، رەقىبىنىڭ يېتىشىۋېلىشى ھەتتا ئېشىپ چۈشۈشىگە شارائىت يارىتىپ بەردى. مۇسابىقىدە ئۇتتۇرۇپ قويغاندىن كېيىن كوبى ناھايىتى تېڭىرقىغان ھالدا تۇرۇپ قالدى، 2008-يىلىدىن بۇيان كۆل ئادىمى كوماندىسى روژدېستىۋو بايرىمىدا رەقىبىنى يېڭىپ باقمىغان ئىدى، بۇ قېتىممۇ داۋاملىق بۇ ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلدى، كوبىمۇ بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئەڭ زور زەربىگە ئۇچرىغان ماھىر بولۇپ قالدى

 

Basbas.CN ©2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
互联网电子公告(BBS)服务资质  |  移动网信息服务业务资质
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 15999163133 تور بېكەت مەزمۇن باشقۇرغۇچىسى :18999105493 ئىشخانا : 2922567 -0991