باش بەت | پۇتبول كۆزنىكى | شىنجاڭ تەنتەربىيەسى | ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە | ۋاسكېتبول دۇنياسى | ئۇنۋېرسال تەنتەربىيە
 
نۆۋەتتىكى ئورنى:باش بەت >> ۋاسكېتبول دۇنياسى >>  
 
شىنجاڭ كوماندىسى 90-97 دوڭۋەن كوماندىسى
 
يوللىغان ۋاقىت:2011-12-26 11:49:03  يازغۇچى:گۈلمىرە  كىلىش مەنبەسى:سوخۇ تورى   ئاۋاتلىقى:25   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]
            بېيجىڭ ۋاقتى 25-دېكابىر كەچ، 2011-2012-مۇسابىقە پەسلىدىكى CBA بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ 16-ئايلانمىسى ئومۇمىيۈزلۈك ئېلىپ بېرىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە پۈتۈنلەي جۇڭگۇلۇق توپچىلار بىلەن مۇسابىقىگە ئاتلانغان شىنجاڭ كوماندىسى مېھمان مەيداندا 90-97 نەتىجە بىلەن دوڭۋەن كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى، شۇنىڭ بىلەن شىنجاڭ كوماندىسى ئۇدا ئىككى مەيدان ئۇتتۇرۇپ قويغان بولدى.

       بۇ مەيدان مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسىدىن 5 ماھىرنىڭ ئالغان نومۇرى قوش خانىلىق سان بولدى، تاڭجىڭدوڭ 17 نومۇر، 12 گاردىن قايتقان توپ، شۈگوشىياڭ 17 نومۇر، سۈنۋېي 16 نومۇر، مۇرات 13  نومۇر، مىڭدو 11 نومۇر،  6 گاردىن قايتقان توپ، باتۇر 7 نومۇر 9 گاردىن قايتقان توپ ئالدى. شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ھازىرقى بىردىنبىر چەتئەللىك ماھىرى مىللىسنىڭ يوتا مۇسكۇلى يارىلانغانلىقى سەۋەبلىك مۇسابىقىگە قاتنىشالمىغاچقا، شىنجاڭ كوماندىسى ئامالسىز پۈتۈنلەي جۇڭگۇلۇق توپچىلار سەپ شەكلى بىلەن بۇ قېتىملىق دوڭۋەن كوماندىسىغا قارشى جەڭ ئېلان قىلدى.

        مۇسابىقە باشلىنىڭ شىنجاڭ كوماندىسىدىكىلەرنىڭ ئىپادىسى قالتىس ياخشى بولغاچقا بىر مەزگىل زور پەرق بىلەن دوڭۋەن كوماندىسىنى ئارقىدا قالدۇرۇپ قويدى، بىراق دوڭۋەن كوماندىسىمۇ بەزىبىر مۇۋاپىق تاكتىكىلارنى قوللىنىپ 1-چارەك مۇسابىقىدىكى نەتىجىنى 22-20 قىلىپ ئاياغلاشتۇردى، يەنى دوڭۋەن كوماندىسى ئالدىغا ئۆتىۋالدى. 2-چارەك مۇسابىقىدە ئىككى تەرەپ قاتتىق تىركەشكەن بولسىمۇ شىنجاڭ كوماندىسى يەنىلا رەقىبىدىن 6 نومۇر كەينىدە قالدى، 3-چارەك مۇسابىقىمۇ بىر خىل رېتىمدا ئېلىپ بېرىلدى، بۇ چارەكتىكى مۇسابىقە نەتىجىسى 68-73 بولۇپ، شىنجاڭ كوماندىسى يەنىلا ئارقىدا، 4-چارەك مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسى قايتىدىن جانلىنىپ، دوڭۋەن كوماندىسىدىن 8 نومۇر ئېشىپ كەتكەن بولسىمۇ، شۇنىڭدىن كېيىن، دوڭۋەن كوماندىسىدىكى ئىككى چەتئەللىك ماھىرنىڭ مۇسابىقە ھالىتىدە ياخشىلىنىش بولۇپ ئارقا ئارقىدىن نومۇر ئالدى ۋە ئەڭ ئاخىرىدا شىنجاڭ كوماندىسى 90-97 نومۇر بىلەن دوڭۋەن كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى، كېيىنكى ئايلانما مۇسابىقە 28-دېكابىر ئېلىپ بېرىلىدۇ، شىنجاڭ كوماندىسى مېھمان مەيداندا فۇجىيەن كوماندىسى بىلەن تۇتۇشىدۇ.
 

 

Basbas.CN ©2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
互联网电子公告(BBS)服务资质  |  移动网信息服务业务资质
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 15999163133 تور بېكەت مەزمۇن باشقۇرغۇچىسى :18999105493 ئىشخانا : 2922567 -0991