12-ئاينىڭ 21-كۈنىCBA مۇسابىقىسى 14-ئايلانما مۇسابىقىسىدە، شىجاڭ كوماندىسى قىزىلتاغ تەنتەربىيە مەيدانىدا لىياۋنىڭ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى. بۇرۇنقى مۇسابىقە نەتىجىسى ياخشى بولمىغاچقا شىنجاڭ كوماندىسى باش ترېنېر ئالماشتۇردى، دۆلەت كوماندىسىنىڭ باش ترېنېرى دۇنيالىق ئورۇن بوشاتتى، ئورنىغا كونا باش ترېنېر جىياڭشىڭ چۇەن چىقىپ، 3-قېتىم كوماندىنى قولىغا ئالدى. ئاخىرىدا شىنجاڭ كوماندىسى 96:98 نەتىجە بىلەن لىياۋنىڭ كوماندىسىنى ئارانلا يەڭدى. شىنجاڭ كوماندىسىدىن مىللىس 31 نومۇر، 4 گاردىن قايتقان توپقا ئېرىشتى، 4 ياردەمچى ھۇجۇم قىلدى؛ مارتىن 13 نومۇر، 9 گاردىن قايتقان توپقا ئېرىشتى، 3 قېتىم گارغا توپ باستى؛ مىڭدۇ 24 نومۇر ئالدى؛ بۇ مەيدان مۇسابىقىدە مۇراتنىڭ ئىپادىسى ئىنتايىن ياخشى بولۇپ، 11 نومۇر، 11 گاردىن قايتقان توپقا ئېرىشتى؛ باتۇر 2 نومۇر، 10 گاردىن قايتقان توپقا ئېرىشتى، 5 ياردەمچى ھۇجۇم قىلدى؛ شىرئەلىجان 5 نومۇر ئالدى. لىياۋنىڭ كوماندىسىدىن لىشىياۋ شۇ 13 نومۇر، 17 گاردىن قايتقان توپقا ئېرىشتى؛ ياڭمىڭ ۋە كارنى ئوخشاشلا 25 تىن نومۇر ئالدى، پاۋۇل 17 نومۇر، 5 گاردىن قايتقان توپقا ئېرىشتى. باش ترېنېر ئالماشتۇرۇلغاندىن كېيىن شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ مەيداندىكى سەپ شەكلىدە ئازراق ئۆزگىرىش بولدى، شۇ سەۋەبتىن مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسى ئەزالىرىنىڭ نومۇر ئېلىشى تازا تۇراقلىق بولمىدى. مۇسابىقە ئەمدىلا باشلانغاندا لىياۋنىڭ كوماندىسىدىكىلەرنىڭ ئىپادىسى ئىنتايىن ياخشى بولدى، نومۇر 9:0 بولۇپ لىياۋنىڭ كوماندىسى ئالدىدا ماڭدى، شىنجاڭ كوماندىسى مارتىن ۋە مىڭدۇنىڭ تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ، لىياۋنىڭ كوماندىسىغا ئەگىشىپ ماڭدى، ئاخىرىدا 28:22 نەتىجە بىلەن بىرىنچى كونتۇر ئاخىرلاشتى. ئىككىنچى كونتۇردا شىنجاڭ كوماندىسى تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ نومۇر پەرقىنى كىچىكلىتەلمىدى، يېرىم مەيدان مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندا 50:39 نەتىجە بىلەن لىياڭنىڭ كوماندىسىدىن 11 نومۇر ئارقىدا قالدى. كىيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلانغاندا لىياۋنىڭ كوماندىسى ئارقا-ئارقىدىن نومۇر ئېلىپ، شىنجاڭ كوماندىسىدىن 16 نومۇر ئېشىپ كەتتى، كىيىن مارتىننىڭ ئىككى قېتىم گارغا ئوڭۇشلۇق توپ بېسىشى ۋە مىللىسنىڭ 3 نومۇرلۇق توپ ئېتىشى بىلەن ئومۇمى نومۇر 79:68 بولۇپ، پەرق يەنىلا 11 نومۇر بولدى، بۇ كونتۇردا ھەر ئىككى كوماندا ئوخشاشلا 29 نومۇر ئالدى. ئەڭ ئاخىرقى كونتۇردا شىنجاڭ كوماندىسى ئەمەلى كۈچىنى ياخشى جارى قىلدۇردى، مۇرات كەينى-كەينىدىن گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، مىللىسقا پاس بېرىپ ئۇنىڭ 3 نومۇرلۇق توپ ئېتىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بەردى، مۇسابىقە ئاخىرلىشىشقا 7 مىنوت قالغاندا،شىنجاڭ كوماندىسى بىلەن لىياۋنىڭ كوماندىسىنىڭ نومۇرى تەڭلىشىپ 81:81 بولدى، ئاخىرىدا مۇرات، مىللىس قاتارلىقلار نومۇر ئېلىپ، 96:98 نەتىجە بىلەن لىياۋنىڭ كوماندىسىنى ئاران يەڭدى.
|