12-ئاينىڭ 21-كۈنى CBA مۇسابىقىسىنىڭ 14-ئايلانما مۇسابىقىسىدە بېيجىڭ كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا يېقىنقى مۇسابىقىلەردە ئىپادىسى خېلى ياخشى بولغان شەندوڭ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى. بېيجىڭ كوماندىسى 4-كونتۇرغىچە رەقىبىنىڭ ئارقىدا قالغان بولسىمۇ مۇسابىقە ئاخىرلىشىشقا ئاز قالغاندا مابولى پۈتۈن ماھارىتىنى چىقىرىپ، جاپالىق ئېلىشىش ئارقىلىق ئاخىرىدا 79:86 نەتىجە بىلەن شەندوڭ كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى. ھەمدە مۇسابىقە باشلانغاندىن بۇيانقى 13-مەيدان غەلبىنى قولغا كەلتۇردى. مۇسابىقىدە بېيجىڭ كوماندىسىدىن موللىس 31 نومۇر، 12 گاردىن قايتقان توپقا ئېرىشتى؛ مابولى 17 نومۇر، 4 گاردىن قايتقان توپقا ئېرىشتى. 3 ياردەمچى ھۇجۇم قىلدى؛ چېنلىي 16 نومۇر ئالدى، جۇيەن شى 10 نومۇر، 8 گاردىن قايتقان توپقا ئېرىشتى؛ دىشىياۋ چۇەن 6 نومۇر، 6 گاردىن قايتقان توپقا ئېرىشتى. شەندوڭ كوماندىسىدىن ئاندىرسون 21 نومۇر، 10 گاردىن قايتقان توپقا ئېرىشتى، 6 ياردەمچى ھۇجۇم قىلدى؛ لىلىن 8 نومۇر، خىڭتې 29 نومۇر، 12 گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ ۋاڭرۇ خېڭ 8 نومۇر، 5 گاردىن قايتقان توپقا ئېرىشتى.
|