باش بەت | پۇتبول كۆزنىكى | شىنجاڭ تەنتەربىيەسى | ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە | ۋاسكېتبول دۇنياسى | ئۇنۋېرسال تەنتەربىيە
 
نۆۋەتتىكى ئورنى:باش بەت >> ۋاسكېتبول دۇنياسى >>  
 
شىنجاڭ كوماندىسى دونۋالىد بىلەن مارتىننى كەتكۈزۈۋېتىدىكەن
 
يوللىغان ۋاقىت:2011-12-21 12:29:31  يازغۇچى:گۈلمىرە  كىلىش مەنبەسى:سىنا تورى   ئاۋاتلىقى:100   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]

  

  شىنجاڭ كوماندىسى ئىچكى قىسىمدىن كەلگەن خەۋەردە شىنجاڭ كوماندىسى ئاللىبۇرۇن دونۋالىدنى باش تېرىنىرلىقتىن چۈشۈرۈۋەتكەن، بىراق بۇ خەۋەر شىنجاڭ كوماندىسىدىكىلەرنىڭ ئىسپاتلىشىدىن ئۆتمىگەن. بىرلا ۋاقىتتا ئامېرىكا كۆڭۈل ئېچىش ۋە تەنتەربىيە تېلېۋىزىيە پىروگراممىسى تورىنىڭ ئاشكارلىشىچە، شىنجاڭ كوماندىسى ئەليۇلئەلا مارتىننىمۇ ئالماشتۇرىۋىتىشنى ئويلىشىۋېتىپتۇ.
       ئىچكى قىسىمدىكى بۇ رەھبەر يەنە، كۇلۇب موسابىقە باشلىنىشتىن بۇرۇن دۇبى يارلانغاندىلا دونۋالىدنى ئالماشتۇرىۋىتىشنى ئويلاشقان، سەۋەبى دونۋالىدنىڭ كوماندا ئەزالىرىنى روھى جەھەتتىن قۇترىتىشى ياخشى ئۈنۈم بەرمىگەن، ئەكسىچە دۇبىنىڭ يارلىنىسى دونۋالىدنىڭ قۇترىتىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىغان. يەنە بىر مۇھىم سەۋەب كونا باش تېرېنىر جاڭشىڭ چۇەن بىلەن دونۋالىد ئۇزۇنغىچە بىرلىككە كېلەلمىگەن، ئاخپارات ۋاستىلىرى يەنە ھازىرغىچە ئىككىسىنىڭ بىرگە چۈشكەن بىر پارچە رەسىمىنىڭمۇ يوقلۇقىغا دىققەت قىلغان.
        شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ مۇسابىقە ئەھۋالى، بولۇپمۇ كوماندىنىڭ مېھمان مەيداندا ئۇدا ئىككى مەيدان ئۇتتۇرغاندىن كېيىن، ھەم كوماندىنىڭ ھازىرقى 7 مەيدان ئۇتۇش، 4 مەيدان ئۇتتۇرۇشتەك ئەھۋالىغا قارىتا، كۇلۇب يۇقىرى قاتلام رەھبەرلىرى دونۋالىدنى باش تېرىنىرلىقتىن چۇشۇرىۋىتىشنى قارار قىلغان. جىلىن كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە، قىزىلتاغ تەنتەربىيە مەيدانىدىكى 4000 توپ مەستانىسىمۇ دونۋالىد تېرىنېرلىقتىن چۇشۇپ كەتسۇن دەپ ۋارقىرىغان، بۇنداق پۈتۈن مەيداندا باش تېرىنېرنى تېرىنىرلىقتىن چۇشۇپ كەتسۇن دەپ ۋارقىراش شىنجاڭ كوماندىسى تارىخىدا تۇنجى قېتىم كۆرۈلىشى.
         بىلىشىمىزچە شىنجاڭ كوماندىسى دونۋالىد بىلەن 70+30 لىك توختام ئىمزالاشقان، يەنى يىللىق مائاشى 700 مىڭ دوللار، ئۇنىڭدىن باشقا 300 مىڭ دوللارلىق چېمپىيون بولۇش مۇكاپات پۇلىمۇ بار. ھازىر كۇلۇپ بۇ خەۋەرنى ھەقىقى ئىسپاتلىمىغان، لېكىن شىنجاڭ تەنتەربىيە ئىدارىسىدىكى بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 21-چىسلا چارشەنبە كۇنى شىنجاڭ كوماندىسى لىياۋنىڭ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشكەندە ھەممە ئەھۋال ئايدىڭلىشىدىكەن. ئەگەر دونۋالىد راستىنلا باش تېرىنېرلاقتىن قالدۇرۇلسا ئورنىغا جىياڭشىڭ چۇەننىڭ تېرىنېر داۋاملىق تېرىنىر بولۇش ئېھتىمالى بار ئېكەن.
         شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، 12-ئاينىڭ 19-كۇنى سەھەردە ‹‹ ئامېرىكا كۆڭۈل ئېچىش ۋە تەنتەربىيە تېلېۋىزىيە پىروگراممىسى تورى ژۇرنىلى›› نىڭ داڭلىق مۇخبىرى مارىك سىتەيىننىڭ ئاشكارلىشىچە شىنجاڭ كوماندىسى ھازىر مارتىننىمۇ ئالماشتۇرىۋېتىشنى ئويلىشىۋىتىپتۇ. بىلىشىمىزچە مارتىننىڭ يىللىق مائاشى 2 مىليون 500 مىڭ ئېكەن، ھازىرغىچە ئوينىغان 11 مەيدان مۇسابىقىدە ئۇ ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر مەيداندا 30 مىنوت مەيدانغا چۇشۇپ، 14 نومۇر، 9.6 گاردىن قايتقان توپ ئالغان

 

Basbas.CN ©2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
互联网电子公告(BBS)服务资质  |  移动网信息服务业务资质
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 15999163133 تور بېكەت مەزمۇن باشقۇرغۇچىسى :18999105493 ئىشخانا : 2922567 -0991