باش بەت | پۇتبول كۆزنىكى | شىنجاڭ تەنتەربىيەسى | ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە | ۋاسكېتبول دۇنياسى | ئۇنۋېرسال تەنتەربىيە
 
نۆۋەتتىكى ئورنى:باش بەت >> ۋاسكېتبول دۇنياسى >>  
 
شىنجاڭ كوماندىسى جىلىن كوماندىسىنى يەڭدى
 
يوللىغان ۋاقىت:2011-12-20 11:50:25  يازغۇچى:گۈلمىرە  كىلىش مەنبەسى:سوخۇ تورى  ئاۋاتلىقى:48   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]

          بېيجىڭ ۋاقتى 18-دېكابىر، CBA 2011-2012-مۇسابىقە پەسلىدىكى دائىملىق مۇسابىقىنىڭ 13- ئايلانمىسىدا شىنجاڭ كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا 94-89 نەتىجە بىلەن جىلىن كوماندىسىنى يېڭىپ، ئىككى مەيدان ئۇدا ئۇتتۇرۇش ھالىتىگە خاتىمە بەردى.

          شىنجاڭ كوماندىسىدىن مىللس 26 نومۇر، 7 قېتىم گاردىن قايتقان توپ، مارتىن 12 نومۇر، 8 گاردىن قايتقان توپ، تاڭجىڭدۇڭ 16 نومۇر، 5 گاردىن قايتقان توپ، باتۇر 6 نومۇر، 6 گاردىن قايتقان توپ، مىڭدو 11 نومۇر، شىرئەلىجان 10 نومۇر ئالدى.

       مۇسابىقە باشلىنىپ 3 مىنۇت ئىچىدە باتۇر، مارتىن، مىڭدۇلار ھەر قايسىسى نومۇر ئېلىپ، شىنجاڭ كوماندىسى بىردەمدىلا 8-0 چوڭ پەرقنى شەكىللەندۈردى. ئارقىدىن جىلىن كوماندىسىمۇ بوش كەلمەي ئىزچىل شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىپ كەلدى ۋە بىرىنچى چارەك ئاخىرلاشقاندا مۇسابىقە نەتىجىسى 27-20 بولۇپ شىنجاڭ كوماندىسى ۋاقتىنچە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى.

       2-چارەك مۇسابىقىنىڭ دەسلىپىدە شىنجاڭ كوماندىسى يەنە ساھىبخان مەيدان ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، نومۇر پەرقىنى داۋاملىق كېڭەيتكەن بولسىمۇ، جىلىن كوماندىسىنىڭ چەتئەللىك ماھىرلىرى بوش كەلمەي، بۇ چارەكتىكى نومۇر پەرقىنى 7 نومۇردا ساقلاپ قالدى.

     كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە جىلىن كوماندىسىدىكى جېمىرنىڭ مەيدانغا چۈشۈشى بىلەن مەيدان ھالىتى جانلىنىپ، جىلىن كوماندىسى ھە دېگەندىلا ئارقا ئارقىدىن توپ سېلىپ، شىنجاڭ كوماندىسىنى ئارقىدا قالدۇرۇپ قويدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە شىرئەلىجاننىڭ يارىلىنىپ مەيداندىن چۈشۈپ كېتىشى بىلەن توپنى كونترۇل قىلىدىغان مۇداپىئەچى يوق، شىنجاڭ كوماندىسى بىر مەزگىل قىيىنچىلىققا چۈشۈپ قالدى. 3-چارەك ئاياغلاشقاندا مۇسابىقە نەتىجىسى شىنجاڭ 66-70 جىلىن كوماندىسى بولۇپ، شىنجاڭ كوماندىسى 4 نومۇر ئارقىدا قالدى.

      4-چارەك مۇسابىقە باشلىنىپ مارتىن ۋە تاڭجىڭدۇڭلارنىڭ نومۇر ئېلىشى، مىللسنىڭ ئىپادىسىنىڭ قالتىس بولۇشى بىلەن شىنجاڭ كوماندىسى جىلىن كوماندىسىنى ئارقىدا قالدۇرۇپ ئەڭ ئاخىرىدا ئومۇمىي نەتىجە 94-89 بىلەن رەقىبى ئۈستىدىن غالىب كەلدى.'

        شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى غەلبىسىگە تەقەززا بولغان توپ مەستانىلىرى كوماندىنىڭ جىلىندەك ئاجىز كوماندىلار ئالدىدا شۇنچىلىك قىينىلىپ كېتىشى شۇنداقلا ئالدىنقى ئىككى مەيداندىكى مەغلۇبىيىتىگە چىدىماي قالدىمۇ قانداق ؟ بۇ قېتىملىق مۇسابىقە جەريانىدا تاماشىبىنلار ئارىسىدىن «دونۋالىد چۈشۈپ كەتسۇن» دېگەندەك سادالار توختىماي ياڭراپ تۇردى.

 

Basbas.CN ©2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
互联网电子公告(BBS)服务资质  |  移动网信息服务业务资质
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 15999163133 تور بېكەت مەزمۇن باشقۇرغۇچىسى :18999105493 ئىشخانا : 2922567 -0991