
CBA نىڭ 11-ئايلانما مۇسابىقىسىدە، 4 مەيدان ئۇدا ئۇتتۇرغان شاڭخەي كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا، 4 مەيدان ئۇدا غەلبە قىلغان شىنجاڭ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى. شاڭخەي كوماندىسى رىننىس كەللىنىڭ بۆسۇپ كىرىپ ئاتقان توپى ۋە ئىككى قېتىملىق جازا توپىغا تايىنىپ 84:88 نەتىجە بىلەن شىنجاڭ كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى، ھەمدە ئۆزىنىڭ ئۇدا يىڭىلىش ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىش بىلەن بىللە شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئۇدا غەلبە قىلىشىنى توسۇپ قويدى. شىنجاڭ كوماندىسىدىن مارتىن 20 نومۇر، 8 گاردىن قايتقان توپقا ئېرىشتى؛ مىللىس 22 نومۇر ، 7 گاردىن قايتقان توپقا ئېرىشتى؛ مىڭدۇ 14 نومۇرغا ئېرىشتى؛ شۇيگو چوڭ 19 نومۇر، باتۇر 4 نومۇر، 14 گاردىن قايتقان توپقا ئېرىشتى؛ شىرئەلىجان 5 نومۇرغا ئېرىشتى. شاڭخەي كوماندىسىدىن رىننىس كەللى 19 نومۇر، 6 گاردىن قايتقان توپقا ئېرىشتى؛ جاڭجاۋ شۇ 12 نومۇر، 9 گاردىن قايتقان توپقا ئېرىشتى، خاررىس 24 نومۇر، 8 گاردىن قايتقان توپقا ئېرىشتى؛ مېڭلىڭ يۇەن 10 نومۇرغا ئېرىشتى. پۇتۇن مۇسابىقىدە شاڭخەي كوماندىسى پەقەت 6 قېتىم خاتالىق سادىر قىلدى، ئەكسىچە شىنجاڭ كوماندىسى 13 قېتىم خاتالىق سادىر قىلدى.
|