باش بەت | پۇتبول كۆزنىكى | شىنجاڭ تەنتەربىيەسى | ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە | ۋاسكېتبول دۇنياسى | ئۇنۋېرسال تەنتەربىيە
 
نۆۋەتتىكى ئورنى:باش بەت >> ۋاسكېتبول دۇنياسى >>  
 
بېيجىڭ كوماندىسى ئۇدا 10 مەيدان غەلبە قىلدى
 
يوللىغان ۋاقىت:2011-12-13 12:21:10  يازغۇچى:گۈلمىرە  كىلىش مەنبەسى:سوخۇ تورى   ئاۋاتلىقى:147   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]

  

    بېيجىڭ ۋاقتى 11-دېكابىر كەچ 2011-2012-مۇسابىقە پەسلىدىكى CBA دائىملىق مۇسابىقە 10-ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقىدە بىرلەشمىنىڭ سەركىسى بېيجىڭ كوماندىسى مېھمان مەيداندا 109-98 نەتىجە بىلەن جىياڭسۇ كوماندىسىنى مەغلۇب قىلىپ، داغدۇغىلىق ھالدا ئۇدا 10 مەيدان غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، كوماندىنىڭ ئەڭ ئۇزۇن بولغان ياخشى باشلاش ھالىتىنى داۋاملىق ئۇزارتتى، ئۇتتۇرۇپ قويغان جىياڭسۇ كوماندىسى بولسا، ئۇدا 3 قېتىم مەغلۇب بولدى.

      بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ماربۇرىي 9 قېتىم گارغا توپ تاشلاپ 6سى چۈشتى، جازا توپتىن 13نى تاشلاپ 10 چۈشتى، ئۇ جەمئىي 22 نومۇر ئېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا 10 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى ۋە 4 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ مورىس پۈتۈن مەيداندىكى ئەڭ يوقىرى نومۇر 25 نومۇرنى ئېلىپ 15 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى. 


       ئالدىنقى ئايلانما مۇسابىقىدە بېيجىڭ كوماندىسى 3 نومۇر پەرق بىلەن JR-سىمىس باشچىلىقىدىكى جېجىياڭ كوماندىسىنى تەستە يېڭىپ، كوماندا تارىخىدىكى باشلىنىش ھالىتىدە ئۇدا غەلبە قىلغان قېتىم سانى ئەڭ كۆپ بولۇش رېكورتىنى ياراتتى، ماربورىي بىلەن مورس ئىككى بىرلىكتە 60 نومۇر ئالدى؛ بىراق جىياڭسۇ كوماندىسىنىڭ ئەھۋالى تازا كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس، ئۇدا 4 مەيدان مەغلۇب بولغان بۇ كوماندا ئالدىنقى 10 ئايلانما مۇسابىقىنىڭ پەقەت 2 ئايلانمىسىدىلا غەلبە قىلىپ رەت تەرتىپتە ئارقىدىن سانىغاندا 3-ئورۇندا تۇردى.

 

Basbas.CN ©2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
互联网电子公告(BBS)服务资质  |  移动网信息服务业务资质
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 15999163133 تور بېكەت مەزمۇن باشقۇرغۇچىسى :18999105493 ئىشخانا : 2922567 -0991