باش بەت | پۇتبول كۆزنىكى | شىنجاڭ تەنتەربىيەسى | ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە | ۋاسكېتبول دۇنياسى | ئۇنۋېرسال تەنتەربىيە
 
نۆۋەتتىكى ئورنى:باش بەت >> ۋاسكېتبول دۇنياسى >>  
 
CBA شىنجاڭ-فوشەن مەۋلان-مەردان
 
يوللىغان ۋاقىت:2011-12-13 12:19:20  يازغۇچى:گۈلمىرە  كىلىش مەنبەسى: سىنا تەنتەربىيىسى خەۋىرى  ئاۋاتلىقى:274   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]

    12-ئاينىڭ 11-كۈنى CBA مۇسابىقىسىنىڭ 10-ئايلانما مۇسابىقىسىدە فوشەن كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا شىنجاڭ كوماندىسى كۈتىۋالدى، ئاخىرىدا شىنجاڭ كوماندىسى 96:102 نەتىجە بىلەن فوشەن كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، 4 مەيدان ئۇدا غەلبىنى قولغا كەلتۇردى. شۇنىڭ بىلەن شىنجاڭ كوماندىسى جەمئىي ئوينىغان 8 مەيدان مۇسابىقىنىڭ 6 مەيداندا ئۇتتى، 2 مەيداندا ئۇتتۇرۇپ قويدى.
      شىنجاڭ كوماندىسىدىن 4 ماھىرنىڭ ئېرىشكەن نومۇرى ئىككى خانىلىق سانغا يەتتى، ئۇنىڭ ئىچىدە مىللىس 29 نومۇرغا ئېرىشتى، 5 ياردەمچى ھۇجۇم قىلدى؛ باتۇر 22 نومۇر، 16 گاردىن قايتقان توپقا ئېرىشتى، 7 ياردەمچى ھۇجۇم قىلدى؛ مارتىن 16 نومۇر، 9 گاردىن قايتقان توپقا ئېرىشتى، 3 ياردەمچى ھۇجۇم قىلدى؛ مىڭدۇ 15 نومۇرغا ئېرىشتى، شىرئەلىجان 8 نومۇر، 7 گاردىن قايتقان توپقا ئېرىشتى، 6 ياردەمچى ھۇجۇم قىلدى.
      فوشەن كوماندىسىدىن 5 ماھىرنىڭ ئېرىشكەن نومۇرى ئىككى خانىلىق سانغا يەتتى،مادەنلى 21 نومۇر، 9 گاردىن قايتقان توپقا ئېرىشتى، 3 ياردەمچى ھۇجۇم قىلدى؛ ماركۇس دوۇتىت 20 نومۇر، 7 گاردىن قايتقان توپقا ئېرىشتى؛ ماركۇس خايسىلىپ 20 نومۇر، 5 گاردىن قايتقان توپقا ئېرىشتى؛ جېڭجۇن 14 نومۇر، 6 گاردىن قايتقان توپقا ئېرىشتى؛ سىڭلىڭ شۇ 11 نومۇرغا ئېرىشتى. 
     ئادەمنىڭ دېققىتىنى تارتىدىغان بىر نۇقتا بولسا، ئىلگىرى بىرلىكتە شىنجاڭ كوماندىسى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقان مەۋلان-مەردان ئاكا-ئۇكىلار بۇ مۇسابىقىدە بىر-بىرىگە رەقىب بولۇپ مۇسابىقىگە قاتناشتى، مۇسابىقىدە ھەر ئىككىسىنىڭ ئىپادىسى خېلى ياخشى بولۇپ مەۋلان 7 نومۇر، 5 گاردىن قايتقان توپقا ئېرىشتى، مەردان بولسا 2 نومۇر، 2 گاردىن قايتقان توپقا ئېرىشتى.
      شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ دەسلەپتە مەيدانغا چۈشەرگەن ماھىرلىرى: مىللىس، مارتىن، شىرئەلىجان، باتۇر، مىڭدۇ
     فوشەن كوماندىسىنىڭ دەسلەپتە مەيدانغا چۈشەرگەن ماھىرلىرى: خىبېن، مەۋلان، سىڭلىڭ شۇ، مادەن لى، ماركۇس دوۇتىت

 

Basbas.CN ©2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
互联网电子公告(BBS)服务资质  |  移动网信息服务业务资质
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 15999163133 تور بېكەت مەزمۇن باشقۇرغۇچىسى :18999105493 ئىشخانا : 2922567 -0991