
بېيجىڭ ۋاقتى 4-دېكابىر، CBAنىڭ 7-ئايلانما مۇسابىقىسىدە تىيەنجىن كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا شىنجاڭ گۇاڭخۈي كوماندىسىنى كۈتىۋالدى، ئۆزىنىڭ ئەڭ زور ئەمەلىي كۈچىگە تايىنىپ، مېھمان مەيداندا مۇسابىقە ئويناۋاتقان شىنجاڭ كوماندىسى ئەڭ ئاخىرىدا ھىچقانچە كۈچىمەيلا 121-108 نەتىجە بىلەن تىيەنجىن كوماندىسىنى يېڭىۋالدى، شۇنىڭ بىلەن تىيەنجىن كوماندىسى ئۇدا 4 مەيدان مەغلۇپ بولدى.
شىنجاڭ ماھىرلىرىدىن مىللس ئۆزى يالغۇز 42 نومۇر ئالدى، بۇنىڭ ئىچىدە 3 نومۇرلۇق توپتىن 10 ئېتىپ، 8نى چۈشۈردى، بۇنىڭدىن باشقا 4 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، 4 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، مارتىن 5 نومۇر، شىرئەلىجان 10 نومۇر، باتۇر 19 نومۇر، 4 گاردىن قايتقان توپ ئالدى. |