
بېيجىڭ ۋاقتى 4-دېكابىر، 2011-2012-مۇسابىقە پەسلىنىڭ CBA بىرلەشمىسى 7 ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان قىزىق نوقتا مۇسابىقىدە بېيجىڭ كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا دەسلەپكى ئايلانمىدا شىنجاڭ كوماندىسىنى زور پەرق بىلەن يېڭىۋالغان شەنشى كوماندىسى بىلەن تۇتۇشتى، ئاخىرىدا 121-97 نەتىجە بىلەن شەنشى كوماندىسىنى مەغلۇب قىلىپ، مۇسابىقە پەسلى باشلانغاندىن بۇيان ئۇدا 7 مەيدان غەلبە قىلدى. ئۇدا 7 مەيدان غەلبە قىلىشتەك ياخشى باشلىنىش بېيجىڭ كوماندىسىنىڭ 17 مۇسابىقە پەسلىدىكى ئىككىنچى قېتىملىق ياخشى باشلىنىش ۋەزىيىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، ئەگەر ئۇلار يەنە بىر مەيدان ئۇتۇۋالسا، ئۇلار 95-96-مۇسابىقە پەسلىدىكى كوماندا تارىخىدا ياراتقان ئەڭ ياخشى نەتىجىسىگە يېتىشىۋالىدۇ.
بۇ مەيدان مۇسابىقىدە بېيجىڭ تەرەپتىن جۇيەنشى 15 نومۇر، جىجى 19 نومۇر، ماربۇرىي 19نومۇر، مورىس 26 نومۇر چۆشاۋچۈەن 15 نومۇر، فاڭشۇ 10 نومۇر ئالدى. شەنشى كوماندىسىدىن چارىس 31 نومۇر، ۋىليامس 31 نومۇر، دۈەنجىياڭپىڭ 7 نومۇر ئالدى.
|