باش بەت | پۇتبول كۆزنىكى | شىنجاڭ تەنتەربىيەسى | ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە | ۋاسكېتبول دۇنياسى | ئۇنۋېرسال تەنتەربىيە
 
نۆۋەتتىكى ئورنى:باش بەت >> شىنجاڭ تەنتەربىيەسى >>  
 
پەخىرلىك ئوغلانىمىز مەمەتتۇرسۇن چوڭ مىس مېدالغا ئېرىشتى
 
يوللىغان ۋاقىت:2011-11-30 11:45:24  يازغۇچى:گۈلمىرە  كىلىش مەنبەسى:سوخۇ تورى   ئاۋاتلىقى:505   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]

      11-ئاينىڭ 24-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بوكس تۇرى 69 كىلوگراملىقلار يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى فوشەندە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، پەخىرلىك ئوغلانىمىز مەمەتتۇرسۇن چوڭ 14:10 نەتىجە بىلەن رەقىبىگە ئۇتتۇرۇۋېتىپ بىر دانە مىس مىدالغا ئېرىشكەن.
      مەمەتتۇرسۇن چوڭنىڭ رەقىبى ئۆزبېكىستانلىق ئۆكتەمجان راخمانوف (Uktamjon RAHMONOV) بولۇپ، بىرىنچى مەيدان ئۇچرىشىشتا مەمەتتۇرسۇن چوڭ ئىنتايىن پاسسىپ ھالەتكە چۈشۈپ قالغان، 6:0 نەتىجە بىلەن ئارقىدا قالغاندىن كېيىن، كېيىنكى ئىككى-ئۈچ مەيدان ئۇچرىشىشتا مەتتۇرسۇن چوڭ رەقىبىگە قاتتىق زەربە بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئالدىنى بىر نەچچە مەيدان ئۇچرىشىشتا چوڭ نومۇر پەرقى بىلەن كەينىدە قالغانلىقتىن ئاخىرىدا ئەپسۇسلىنارلىق ھالدا بۇ دەرىجىلىكلەرنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە كىرەلمىگەن.
      ئۆتكەن يىلى 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە 64 كىلوگراملىقلار دەرىجىسىدە چېمپىيون بولغاندىن كېيىن، مەتتۇرسۇن چوڭ 69 كىلوگراملىقلار دەرىجىسىدە مۇسابىقىگە چۈشىدىغان بولغان، بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ نەتىجىسىگە قارىتا ئۇ ئېچىنغان ھالدا ‹‹ بۈگۈنكى ئىپادەم خېلى ياخشى بولغان، لېكىن سۈرئەت ۋە كۈچۈم يەنىلا يېتەرلىك ئەمەس.›› دېگەن.
      شىنجاڭ بوكس باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ باشلىقى ئابلىكىم ئابدۇرېشىت ‹‹ مۇسابىقىدىكى ئىپادىسىگە قارىغاندا مەتتۇرسۇن چوڭ ئىقتىدارىنى ياخشى جارى قىلدۇردى، ياخشى مۇسابىقىلەشتى، بۇ تەنھەرىكەتچىنىڭ 2012-يىللىق لوندون ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىدىغانلىقىغا ئىشەنچىم تېخىمۇ ئاشتى›› دېگەن.

 

Basbas.CN ©2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
互联网电子公告(BBS)服务资质  |  移动网信息服务业务资质
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 15999163133 تور بېكەت مەزمۇن باشقۇرغۇچىسى :18999105493 ئىشخانا : 2922567 -0991