باش بەت | پۇتبول كۆزنىكى | شىنجاڭ تەنتەربىيەسى | ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە | ۋاسكېتبول دۇنياسى | ئۇنۋېرسال تەنتەربىيە
 
نۆۋەتتىكى ئورنى:باش بەت >> ۋاسكېتبول دۇنياسى >>  
 
NBA مۇسابىقىسى پات يىقىندا باشلىنىدىكەن
 
يوللىغان ۋاقىت:2011-11-28 13:12:07  يازغۇچى:گۈلمىرە  كىلىش مەنبەسى:www.basbas.cn  ئاۋاتلىقى:98   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]
             ئىككى تەرەپ ھازىر تالاش-تارتىش قىلىۋاتقان مەسىلە، ئاساسلىقى تۈزۈلمىگە ئالاقىداركەن، ئۇلار ئاخىرى بۇ مەسىلىدە كېلىشىم تۇزگەن. ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا ئاساسلىقى توپچىلارنى ئالاھىدە ياللاپ ئىشلىتىش، ئاۋۋال توختام ئىمزالاپ ئاندىن ئادەم ئالماشتۇرۇش بەلگىلىمىسىنىڭ چەكلىمىسى، مەبلەغنى ۋاكالىتەن باشقۇرۇش مەسىلىسى ۋە راھەت-پاراغەت بېجى مەسىللىرى ئېكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئالاھىدە ياللاپ ئىشلىتىش ۋە ئاۋۋال توختام ئىمزالاپ ئاندىن ئادەم ئالماشتۇرۇش بەلگىلىمىسى جەھەتتە تالىشىشنىڭ يۇقىرى پەللىسى بولسا راھەت-پاراغەت بېجى تاپشۇرىدىغان كوماندىلارنىڭ ئىشلىتىش ھوقوقى بولىدىغان بولمايدىغانلىقىدىن ئىبارەتكەن، توپچىلار بىلەن خوجايىن ئىككى تەرەپ بۇ قېتىمقى سۆھبەتتىن بۇرۇنلا 5:5 نىسبەتتە پايدا ئايرىش نىسپىتىگە قوشۇلغان بولۇپ، بۇ ئەڭ ئاخىرقى لايىھە بولۇپ قالغان.
          66 مەيدان مۇسابىقە پىلان بويىچە ئىلىپ بىرىلىدىغان بولغان، NBA يېڭى پەسىللىك مۇسابىقىسى قۇتقۇزۇپ قىلىنغان، ‹‹نىۋيورۇك ۋاقىت گىزىتى›› دىكى بىرىنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، ئەگەر ئىككى تەرەپ پات يېقىندا راستىنلا كېلىشىم تۈزىسە يېڭى پەسىلدە 66 مەيدان مۇسابىقىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدىكەن،بۇنداق بولغاندا ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە بۇرۇنقىغا سىلىشتۇرغاندا پەقەت بىر ھەپتىلا كېچىكىدىكەن، باشقىچە قىلىپ ئىيتقاندا 2011-12 يىللىق پەسىللىك مۇسابىقە، 2012-13-يىللىق پەسىللىك مۇسابىقىگە تەييارلىق قىلىشقا تەسىر كۆرسەتمەيدىكەن.
        بۇ قىتىملىق سۆھبەت ئالدىنقى قېتىملارغا سىلىشتۇرغاندا كۆپ تەرتىپلىك ۋە ھەر ئىككى تەرەپ ئىنتايىن سەمىمى بولغان. روجىستۇۋا بايرىمى يېتىپ كېلىشكە ئازلا قالغانلىقتىن، يېڭى پەسىللىك مۇسابىقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ھەر ئىككى تەرەپنىڭ پوزىتسىيەسى بۇرۇنقىدىن يۇمشىغان.
            خوجايىن تەرەپ تېزرەك كېلىشىم تۈزەش ئۈچۈن تېلېۋىزىيە تېلىفون يىغىنى چاقىرغان. گەرچە يىغىن كەيپىياتى بۇرۇنقىدىن بوشىغان بولسىمۇ، ئىككى تەرەپ بىر قىسىم ئىشلاردا يەنىلا تالاش تارتىش قىلغان، بەزى مەسىللەرگە خوجايىن تەرەپنىڭ يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىلى بىر نەرسە دىيەلمىگەن،ئۇلارنىڭ ھوقوقى بەزى ئىشلارغا كېسىپ يەكۈن چىقىرىشقا يەتمىگەن. شۇ سەۋەپتىن ساقلانغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن خوجايىن تەرەپنىڭ ياللاش-ياللىنىش مۇناسىۋىتى كومىتىتى جىددى تېلىفون يىغىنى چاقىرغان، بونىڭدىن خوجايىن تەرەپنىڭ سەمىمىيىتىنى كۆرىۋېلىشقا بولىدىكەن.
 

Basbas.CN ©2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
互联网电子公告(BBS)服务资质  |  移动网信息服务业务资质
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 15999163133 تور بېكەت مەزمۇن باشقۇرغۇچىسى :18999105493 ئىشخانا : 2922567 -0991