باش بەت | پۇتبول كۆزنىكى | شىنجاڭ تەنتەربىيەسى | ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە | ۋاسكېتبول دۇنياسى | ئۇنۋېرسال تەنتەربىيە
 
نۆۋەتتىكى ئورنى:باش بەت >> ۋاسكېتبول دۇنياسى >>  
 
شىنجاڭ كوماندىسى يەنە ئىككى NBA چولپىنىغا كۆز تىكتى
 
يوللىغان ۋاقىت:2011-11-18 12:06:45  يازغۇچى:گۈلمىرە  كىلىش مەنبەسى:65933.com  ئاۋاتلىقى:299   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]
     NBA مۇسابىقىسى ئىش ھەققى سەۋەبىدىن توختاپ قالدى،لىكىن توپچىلارغا چوقۇم باشقا يول چىقىدۇ،دۆلىتىمىزنىڭ CBA مۇسابىقىسى 11-ئاينىڭ 19-كۇنى باشلىنىدۇ،ئىلگىرى NBA مۇسابىقىسىنىڭ ئالدىدا ھېچقانچىلىك كۆرۇنمەيدىغان CBA مۇسابىقىسى بۇ يىل قىشتىكى ئەڭ داغدۇغىلىق ۋاسكىتبول مۇسابىقىسى بولۇپ قالىدىغاندەك قىلىدۇ،داڭلىق چولپانلارنىڭ بىرلەشمىگە قوشۇلىشى بىلەن CBA مۇسابىقىسى توپ مەستانىللىرىنى تېخىمۇ قىزىقىدىغان قىلىۋەتتى،مەركىزى تېلىۋىزىيە ئىستانىسى قاتارلىق مىدىيەلەرنىڭ تەشۋىقاتى قوشۇلۇپ، CBA مۇسابىقىسىنى ئىلگىرى بولۇپ باقمىغان يۇقىرى چەككە يەتكۈزدى. NBA مۇسابىقىسى توختاپ قالغان زېرىكىشلىك كۈنلەردە، CBAمۇسابىقىسى ۋاسكىتبول مەستانىللىرىغا خۇشاللىق ئاتا قىلىدىغان بولدى.

       چولپانلار كەلدى، مۇسابىقە تېخىمۇ كەسكىن بولىدىغان بولدى

       NBA مۇسابىقىسىنىڭ توختاپ قېلىشى CBAمۇسابىقىسى ئۈچۈن ياخشى ئىشمۇ؟ئەڭ بولمىغاندا شۇ سەۋەپتىن CBA دىكى NBA دە توپ ئوينايدىغان توپچىلارنىڭ سانى ئاشتى،كېلەر قىتىملىق پەسىللىك مۇسابىقىدە، NBAدەرىجىلىك مۇسابىقىلەر چوقۇم تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ. 
      ئەمەلىيەتتە بۇرۇنقى بىرقانچە قېتىملىق پەسىللىك مۇسابىقىلەردە،ئاللىبۇرۇن خېلى كۆپ NBA دە توپ ئويناپ باققان توپچىلار بار ئىدى،لىكىن ئۇلارنىڭ نامى،ئەمەلى كۈچىگە قارىغاندا، CBAدىكى بۇرۇنقى چەتئەللىك توپچىلارنىڭ سەۋىيەسىنى ياۋروپادىكى ئوخشاش دەرىجىلىك بىرلەشمە مۇسابىقىدىكى توپچىلارنىڭ سەۋىيەسى بىلەن بىر ئورۇنغا قويغىلى بولمايدۇ.
      ھازىر، NBAنىڭ توختاپ قېلىشى CBA گە NBA نىڭ يېڭى قانلىرىنى كىرگۇزدى.ئەڭ بۇرۇن CBA گە كەلگەن چەندىلىر يېڭىدىن يېتىشىپ چىققان چولپان،كىنياڭ مارتىن 2000-يىللىق ئەڭ ياخشى توپچى ، CBAمۇسابىقىسى ئۇنىڭغا ياردەم قىلىپ ئىلگىرىكى ھۆكۈمرانلىقىنى تېپىشىغا ياردەم قىلىدۇ،مارتىننىڭ ئىلگىركى كوماندىسىكى دوستى JR سىمىتمۇ جۇڭگوغا كەلدى،جېجىياڭ چوۋجوۋ ئۇنىىدەك NBA نىڭ ئەڭ داڭلىق 6 توپچىسىنىڭ ئىچىگە كىرگەن ماھىرنى چوقۇم مەيداندىن چۇشۇرمەي ئوينىتىدۇ،بارلىق توپ مەستانىلىرى كەسكىن مۇسابىقىنى كۇتمەكتە.يىجىيەنلەننىڭ قايتىپ كېلىشى گۇاڭدوڭ كوماندىسىغا نىسپەتەن يۇرەك كۈچەيتىش دورىسى بولغان.
     بۇلارغا ئوخشاش داڭلىق توپچىلارنىڭ بولىشى CBAمۇسابىقىسىنى توپ مەستانىلىرى تېخىمۇ قىزىقىدىغان قىلىۋەتكەن، NBAمۇسابىقىسى توختاپ قالغان ئەھۋال ئاستىدا CBA دىكى كوماندىلار يەنە چەتئەللىك توپچىلارنى تولۇقلايدىكەن.شىنجاڭ كوماندىسىدىكى دۇبىنىڭ قولى سۇنغاندىن كېيىن، كۆزىنى NBA نىڭ ئەڭ داڭلىق 6 توپچىسى جامول كىراۋفورد ۋە كارلوس ئاروييو غا تىكىلگەن،ئۇلار بىلەن تەڭ قەدەمدىكى رەقىبى بولسا گۇاڭدوڭ كوماندىسى بولۇپ،داڭلىق چولپان رۇدنى سىتۇكىنى گۇاڭدوڭ كوماندىسى تەكلىپ قىلىدىكەن دىگەن گەپمۇ ئۇزۇلمىدى.ئەڭ قىزىقارلىقى بولسا،تۇنۇگۇن نۇرغۇنلىغان توپچىلارنىڭ تۇنجى قېتىم قىلغان ئىشى بولسا ئۆزىنىڭ ۋاستىچىسى بىلەن ئالاقىلىشىش بولۇپ،ئۇلار بىلەن چەتئەلگە چىقىپ پۇل تېپىش تۇغرىسىدا سۆزلەشكەن.بىر مۇتەخەسسىس ئالدىنئالا:كوماندىلار CBA مۇسابىقە باشلىنىشتىن بۇرۇن NBA نىڭ توپچىسىدىن يەنە بىر-ئىككىنى تەكلىپ قىلىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان.
       ئۇلاپ ئاڭلىتىش كۆپەيدى، CBAمۇسابىقىسى NBA نىڭ ئورنىنى ئالدى

      NBA نىڭ داڭلىق توپچىلىرى يېتىپ كېلىشى ھەر قايسى كوماندىنىڭ ئەمەلىي كۈچنى ئۆستۈرۈپلا قالماستىن، CBAمۇسابىقىسىنىڭ تەسىر كۈچىنىمۇ يۇقىرى كۆتەردى.ھازىر ھەپتىدە 4 مەيدان CBAمۇسابىقىسىنى كۆرۇش ئادەتتىكى ئىشقا ئايلاندى.
     يېڭى پەسىلدىكى مۇسابىقە كەسكىن بولۇپلا قالماستىن،مۇسابىقە تەرتىپىمۇ ئىنتايىن زىچ ئورۇنلاشتۇرۇلغان،چارشەنبە،جۇمە ۋە يەكشەنبە كۈنىدىكى مۇقۇم ئورۇنلاشتۇرۇلغان مۇسابىقىدىن سىرت،بەزى كوماندىلار سەيشەنبە كونىمۇ مۇسابىقىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان، مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملارنىڭ ئېتىشىچە،ئۇلار ئالدىنقى 3 ھەپتىدە،ھەپتىسىگە 4مەيدان مۇسابىقىنى نەق مەيداندىن ئۇلاپ تارقىتىشقا كاپالەتلىك قىلىدىكەن،ئۇندىن كىيىن ھەپتىسىگە ئاز بولغاندا 3 مەيدان مۇسابىقىنى ئۇلاپ تارقىتىدىكەن. NBA مۇسابىقىسى توختاپ قالغان ۋە داڭلىق توپچىلارنىڭ CBA گە قوشۇلىشى توپ مەستانىللىرىنى تېخىمۇ جەلپ قىلغاچقا،مەركىزى تىلىۋىزىيە ئىستانىسىمۇ بۇ تۇرگە سالىدىغان مەبلەغنى ماس ھالدا كۆپەيىتكەن.بۇندىن باشقا ئىككى كۇچلۇك كوماندا شىنجاڭ ۋە گۇاڭدوڭ كوماندىسىنىڭ بارلىق مۇسابىقىلىرى تولۇق ئۇلاپ تارقىتىلىدىكەن.داڭلىق توپچىلارنىڭ قوشۇلىشى CBAگە ئۆزگىرىش ئىلىپ كەلگەن.
 

Basbas.CN ©2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
互联网电子公告(BBS)服务资质  |  移动网信息服务业务资质
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 15999163133 تور بېكەت مەزمۇن باشقۇرغۇچىسى :18999105493 ئىشخانا : 2922567 -0991