باش بەت | پۇتبول كۆزنىكى | شىنجاڭ تەنتەربىيەسى | ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە | ۋاسكېتبول دۇنياسى | ئۇنۋېرسال تەنتەربىيە
 
نۆۋەتتىكى ئورنى:باش بەت >> ۋاسكېتبول دۇنياسى >>  
 
NBA ئىككى يىل توختاپ قىلىشى مومكىن
 
يوللىغان ۋاقىت:2011-11-16 12:09:04  يازغۇچى:گۈلمىرە  كىلىش مەنبەسى:سوخۇ تورى  ئاۋاتلىقى:292   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]

     بېيجىڭ ۋاقتى 2011-يىلى11-ئاينىڭ13-كۈنى ئىلىپ بېرىلغان NBAنىڭ ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ئىلىپ بېرىلغان سۆھبەتتە توپچىلارنىڭ بىردىن-بىر كوزىرى بولغان ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنى تارقىتىۋېتىش ئىشى بىردەك تەنقىدلەشكە ئۇچرىدى.
سىتەيىن بۇ جەھەتتە مۇناسىۋەتلىك ئاخبارات ۋاستىلىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئېنىق قىلىپ:
ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشى ئاخىردا قاتتىق ئېغىر ئاقىۋەتنى ئىلىپ كېلىدۇ يەنى ئەگەر ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تارقىتۋىتىلسە ئۇنداقتا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن توختاملار بىكارچى بولۇپ 40مىلياردلىق توختام قەغىزى بىر دۆۋە ئەخلەتكە ئايلىنىپ قالىدۇ.
نېمە ئۈچۈن دېگەندە: بۇ بىر قاتار كاپالەت خاراكتېرلىك توختاملار توپچىلارنىڭ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى بولغان شارائىتتا ئىمزالىنىپ بولغان بولۇپ ئەگەر ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تارقىتۋىتىلسە ئۇنداقتا يىڭى يىلدا NBAدە يىڭىدىن 420نەپەر ئەركىن توپچى بارلىققا كېلىدۇ.
سىتەيىن ئىلگىرى توپچىلارنىڭ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنى تارقىتىۋېتىش ئىشىنىڭ ئاكتىپ قوللىغۇچىسى بولسىمۇ لېكىن ئىش يوغىناپ بۇ دەرىجىگە يەتكەندە بولسا ئۇ ئەكسىچە توپچىلارغا نەسىھەت قىلىپ بۇ ئىشنى تۇسىدى، بۇنىڭ بىردىنبىر سەۋەبى بولسا:
ئەگەر ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تارقىتۋىتىلسە ۋاكالەتچىلەرنىڭ ئوتتۇرىدىن ئالىدىغان ھەرخىل توختاملارغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن پۇللاردىن قورۇق قالىدىغان بولۇپ كۆز ئالدىدىكى بۇنداق نۇرغۇن زىيانغا چىدىمىغان ۋاكالەتچىلەرنىڭ بۇلارغا نەسىھەت قىلىشىنىڭ سەۋەبى بولسا مۇشۇ ئىدى.
سىتەيىن گەرچە توپچىلارنىڭ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنى تارقىتىۋېتىش بەدىلىگە ئۆزلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە ياخشىراق ئورۇنغا ئېرىشىش نىيىتىنىڭ بارلىقىنى چۈشەنسىمۇ لېكىن ئۇ توپچىلارنىڭ ھازىرقى ماڭغان يولى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتتى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنى تارقىتىۋېتىش ئىشىنىڭ ئەكس تەسىرى بەك چوڭ بولىدۇ دەپ قارايدىكەن.
بۇ توغرىسىدا سىتەيىن تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ:
ھازىر توپچىلار ئەگەر ئىشچىلار ئويۇشمىسىنى تارقىتۋەتسە 40مىليارد دوللارلىق توختام بىكارچى بولۇپلا قالماي يەنە بۇ يىللىق مۇسابىقىدىن سۆز ئىچىش مومكىن ئەمەس.
بۇ قىتىمقى NBA سۆھبىتىدە ئىككى تەرەپنىڭلا ھىچقانداق نەتىنجىسى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا بەزى ئاخبارات ۋاستىلىرى 200نەپەر توپچىنىڭ ئاللىقاچان ئىشچىلار ئويۇشمىسىنى تارقىتۋىتىش ئىلتىماسىغا قول قويۇپ بولغانلىقىنى خەۋەر قىلغان بولۇپ بۇلارغا باش بولغان توپچى بولسا ھىندىيانلار كۇماندىسىنىڭ چولپىنى پاۋلو پىرىس ئىكەن.
شۇڭلاشقا سىتەيىننىڭ بۇ سۆزى توپچىلارغا ئاز بولمىغان بىسىم ئىلىپ كەلگەن بولۇپ ئەگەر بۇ توپچىلارنىڭ تۇختامى بىكارچى بولسا بەلكىم ھىچقانداق بىر توپچى بۇ نەتىنجىنى كۈتۈرەلمەسلىكى مومكىن،بولۇپمۇ بەزى مۇئاشى يوقۇرى،مەيداندىكى ئىپادىسى ناچار بولغان،قۇلىدىكى توختامنىڭ كۈچى بىلەن دوللار تىپىۋاتقان توپچىلارنىڭ تۇختامى بىكارچى بولسا ئۇنداقتا ئۇلارغا كەلگەن زىيان مىلياردتىن ئىشىپ كىتىدۇ دىگەن گەپ.
ئەلۋەتتە سىتەيىننىڭ بۇ سۆزلىرى ئۇنىڭ شەخسى قارىشى،گەرچە ئۇ بۇرۇن بىر ئادۇۋكات بولسىمۇ ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى ئەڭ ئاخىرقى نەتىنجىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ.
شۇڭلاشقا ھازىر قاتتىق ئاچچىق ئىچىدە تۇرۋاتقان نورغۇن توپچىلار ئۇنىڭ بۇ ئاگاھلاندۇرىشىغا قۇلاق سالماسلىقى مومكىن،ھەمدە ئىزچىل تۈردە ئىشچىلار ئويۇشمىسىنى تارقىتۋىتىش نۇقتىسىدا چىڭ تۇرۇپ خۇجايىنلارغا بىسىم ئىشلىتىشى مومكىن.
NBAنىڭ سۆھبىتى مۇشۇ تەرىقىدە مىڭىپ ئاخىردا ئىشچىلار ئويۇشمىسى تارقىتۋىتىلىشتەك نەتىنجە بىلەن نەتىنجىلەنسە ئۇنداقتا كەلگۈسى ئىككى يىللىق NBAنىڭ مۇسابىقىلىردىن خوشلىشىشىمىز مومكىن.

 

Basbas.CN ©2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
互联网电子公告(BBS)服务资质  |  移动网信息服务业务资质
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 15999163133 تور بېكەت مەزمۇن باشقۇرغۇچىسى :18999105493 ئىشخانا : 2922567 -0991