باش بەت | پۇتبول كۆزنىكى | شىنجاڭ تەنتەربىيەسى | ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە | ۋاسكېتبول دۇنياسى | ئۇنۋېرسال تەنتەربىيە
 
نۆۋەتتىكى ئورنى:باش بەت >> ۋاسكېتبول دۇنياسى >>  
 
شنجاڭ گواڭخۇي گواڭشىيا كوماندىسىنى ئۇتتى
 
يوللىغان ۋاقىت:2011-11-15 10:55:08  يازغۇچى:گۈلمىرە  كىلىش مەنبەسى: ۋاڭيى تەنتەربىيسى خەۋىرى،  ئاۋاتلىقى:120   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]
    يىڭى پەسىللىك جوڭگۇ ۋاسكىتبول كەسپى بىرلەشمە مۇسابىقىسى باشلىنىش ھارپىسىدا،2011-يىللىق يوڭچىڭ چىمپىيۇنلۇقىنى تالىشىش مۇسابىقىسى قىززىپ كەتتى.بۈگۈن كەچتە ئىلىپ بىرىلغان بىر مەيدان مۇسابىقىدە،شىنجاڭ گواڭخۇي كوماندىسى جىجىياڭ گواڭشىيا كوماندىسى بىلەن تۇتۇشتى.
    شىنجاڭ كوماندىسى كۈچلۈك ئەمەلىي كۈچىگە تاينىپ،مۇسابىقىدە باشتىن ئاخىر ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىدى،ھەمدە ئاخىرىدا 69-45 نەتىجە بىلەن گواڭشىيا كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ،مۇسابىقىنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈردى. مۇسابىقە داۋامىدا شىنجاڭ كوماندىسىدىن شۈگوجىياڭ 14 نومۇر،دۇبى 12 نومۇر،مېڭ فىڭ 10 نومۇر،مارتىن 4 نومۇر،باتېر 3 نومۇر ئالدى.بىرىنچى كونتېردا شىنجاڭ كوماندىسى ئىككى چەتئەللىك ماھىر ۋە باتېر قاتارلىق غوللۇق ماھىرلارنى مەيدانغا چىقىرىپ،نومۇر پەرقىنى ئۈزلۈكسىز كىڭەيتتى.يەنى بۇ كونتېردا شىنجاڭ كوماندىسى 18 نومۇرغا،گواڭشىيا ئاران 3 نومۇرغا ئىرىشتى.
     ئىككىنچى كونتېردا،شىنجاڭ كوماندىسى چەتئەللىك ماھىرلارنى مەيداندىن چۈشۈرۈپ ياش ماھىرلىرىنى مەيدانغا چىقاردى،بىراق گوڭشىيا كوماندىسىمۇ بوش كەلمەي ھوجۇمنى كۈچەيتىپ،بىراقلا 10 نومۇر ئىلىپ،نومۇر پەرقىنى كىچىكلەتتى،شىنجاڭ كوماندىسىدىكى ياش ماھىرلار تەدرىجى مۇسابىقە ھالىتىگە كىرىپ نومۇر پەرقىنى ئۈزلۈكسىز چوڭايتتى.بۇ كونتېر 34-17 نەتىجە بىلەن ئاخىرلاشتى.
     كىيىنكى كونتېرلاردا شىنجاڭ كوماندىسى ئۈستۈنلۈكىدىن پايدىلىنىپ،كۆپلىگەن ياش ماھىرلىرىنى مەيدانغا چىقاردى.يەنە تېلغا ئىلىشقا ئەرزىيدىگىنى شىنجاڭ كوماندىسىدىن شىر ئەلىجاننىڭ ئىپادىسى خىلى ياخشى بولدى،ئۇ تېز سۈرئەتتە ھوجۇم قىلىپ،بىر توپنى گارغا باسقان بولسىمۇ،لىكىن گارغا كىرمەي قالدى.
    ئەڭ ئاخىرىدا شىنجاڭ كوماندىسى 69-45 نەتىجە بىلەن رەقىبىنى مەغلۇپ قىلدى. بۈگۈنكى مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسدىن ئاساسلىق ئەزا بولۇپ مەيدانغا چىققان ماھىرلار:جاۋ يوڭگاڭ،دۇبىي،مارتېن،باتېر،شىر ئەلىجان.
 

Basbas.CN ©2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
互联网电子公告(BBS)服务资质  |  移动网信息服务业务资质
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 15999163133 تور بېكەت مەزمۇن باشقۇرغۇچىسى :18999105493 ئىشخانا : 2922567 -0991