CBA يىڭى پەسىللىك مۇسابىقىسى 11-ئاينىڭ 19-كۇنى رەسمى باشلىنىدۇ،ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر ئىش بولسا،كىنيون مارتىن،JR سىمىت،ۋىلسۇن چەندىلىر قاتارلىق NBA دە توپ ئويناۋاتقان داڭلىق توپچىلارنىڭ جۇڭگوغا كىلىشى ۋە ئۇلارغا بېرىلىدىغان باھا رىقابىتىدىن ئىبارەت.سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ئاسانلا بايقاشقا بولىدۇكى:بەش يىل ئىلگىرىكىگە سىلىشتۇرغاندا، CBAدىكى چەتئەللىك توپچىلارنىڭ باھاسى ئاز بولغاندىمۇ 10 ھەسسە ئۆسكەن.
مەك توكنى مىسال قىلىدىغان بولساق،ئۇنىڭ 2006-2007 يىلى پەسىللىك مۇسابىقىدە،شەندوڭ سېرىق ئالتۇن ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىدىكى ئايلىق مائاشى ئارانلا 20 مىڭ ئامىرىكا دوللىرى ئىدى،بىر پەسىلىك مۇسابىقىسىدە ئۇ جۇڭگودا 6 ئاي ئەتراپىدا توپ ئوينىغان،يىللىق مائاشى 120 مىڭ ئامىرىكا دوللىرىدىن ئاشمايتتى.بۈگۈنكى كۇندە،مەك توك CBAدىكى ئەڭ داڭلىق چەتئەللىك توپچىلار بىرى ھىسابلىنىدۇ،ئۇنىڭ يىتەكچىلىكىدە،شەندوڭ كوماندىسى مەلۇم نۆۋەتلىك دائىملىق مۇسابىقىدە 3 لىككىمۇ ئېرىشكەن.دەرۋەقە، ئەينى ۋاقىتتا مەك توكنىڭ مائاشى يۇقىرى ھىسابلانمايتى،بەزى چەتئەللىك توپچىلار مەك توكتەك ياخشى ئوينىيالمىسىمۇ،لىكىن ئۇنىڭدىن كۆپ پۇل تاپاتتى،شۇ سەۋەپتىن ئۇ كۇلۇب بىلەنمۇ دەتالاش قىلغان ئىدى.بىراق بىر قىسىم چەتئەللىك توپچىلارنىڭ مائاشى مەك توكنىڭكىدىن يۇقىرى بولسىمۇ،ئۇنىڭ مائاشىدىن بىر ھەسسە كۆپ ئەمەس ئىدى،ئۇ ۋاقىتلاردا چەتئەللەك توپچىلەرنىڭ يىللىق مائاشى 200مىڭ يۇەن بولسا،ئىنتايىن يۇقىرى باھا ھىسابلىناتتى.
ئەمما بەش يىلدىن كىيىنكى بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، CBAدىكى ئەڭ داڭلىق چەتئەللىك توپچىلار ئايلىقى 20مىڭ ئامېرىكا دوللىرىنى ئاسانلا تاپالايدىغان بولدى.شىنجاڭ گۇۋاڭخۇي كوماندىسى چەتئەللىك توپچىلارغا ئەڭ يۇقىرى مائاش بېرىدىغان كوماندا ھىسابلىنىدۇ،ئۇلار يىللىقى 2مىلىيون 600مىڭ ئامېرىكا دوللىرىلىق توختام بىلەن كىنياڭ مارتىننى تەكلىپ قىلدى،1مىلىيون 600مىڭ ئامېرىكا دوللىرىلىق مائاش بىلەن دۇبىنى داۋاملىق تەكلىپ قىلدى،جېجياڭ گۇاڭشىيا كوماندىسى ۋىلسون چەندىلىرنى يىللىقى تەخمىنەن 1مىلىيون 500مىڭ ئامىرىكا دوللىرىق ئەتراپىدا تەكلىپ قىلغان.بېيجىڭ كوماندىسى سىتەفون ماربورىنى يىللىقى 1مىلىيون 400مىڭ ئامېرىكا دوللىرىلىق مائاش بىلەن تەكلىپ قىلغان،لىياۋنىڭ كوماندىسى جوش پاۋىلنى باشقىلارغا سىلىشتۇرغاندا ئەرزانراق باھا،يىللىقى 1مىلىيون ئامېرىكا دوللىرىلىق مائاش بىلەن تەكلىپ قىلغان.بىلىشىمىز كىرەككى،چەتئەللىك ماھىرلار بىر پەسىللىك مۇسابىقىدە جۇڭگودا كۆپ بولغاندىمۇ 6-7ئاي تۇرىدۇ،بۇنداق بولغاندا كىنيون مارتىننىڭ ئايلىق مائاشى 400مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا باراۋەر بولۇپ،ئەينى ۋاقىتتىكى مەك توكنىڭ مائاشىنىڭ 20 ھەسسىگە تەڭ.شەندوڭ ۋاسكىتبول كۇلۇبىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكى بىرى مەك توكقا چاقچاق قىلىپ:«سەن كۆپ زىيان تارتتىڭ،ئەگەر بەش يىل كېيىن تۇغۇلۇپ قالغان بولساڭ،CBA دە بىر پەسىللىك مۇسابىقىدە 1مىلىيون ئامىرىكا دوللىرى تېپىشىڭدا گەپ يوق ئىدى» دېگەن. |