باش بەت | پۇتبول كۆزنىكى | شىنجاڭ تەنتەربىيەسى | ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە | ۋاسكېتبول دۇنياسى | ئۇنۋېرسال تەنتەربىيە
 
نۆۋەتتىكى ئورنى:باش بەت >> پۇتبۇل كۆزنىكى >>  
 
10.6 سېكۇنتتا كىرگەن توپ مۇنازىرە قوزغىدى
 
يوللىغان ۋاقىت:2011-11-04 11:48:08  يازغۇچى:گۈلمىرە  كىلىش مەنبەسى:سوخۇ تورى   ئاۋاتلىقى:752   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]

           

              ياۋروپا چېمپىيونلۇق لوڭقىسى E گۇرۇپپىسىدىكى ۋالېنسىيە كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا 3-1 نەتىجە بىلەن لېۋېركۇسېن كوماندىسىنى يەڭگەن مۇسابىقىدە، تارىخقا بەتلىرىگە يېزىپ قويغۇدەك توپتىن بىرسى كىردى، ساھىبخان كوماندا ئۆز مەيدانىدا چاقماق تېزلىكىدە نومۇر ئېلىپ، ياۋروپا چېمپىيونلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىدىكى ئەڭ تېز كىرگەن توپلارنىڭ ئەڭ ئالدىغا تىزىلدى.

            لېۋېركۇسېن كوماندىسى توپ باشلىغاندىن كېيىن توپنى ئارقىغا ياندۇردى، ۋاراتار خاتالىق ئۆتكۈزۈپ، توپ جوناسنىڭ پۇتىغا چۈشۈپ قالدى، بۇ بىرازىلىيىلىك مۇسابىقە باشلىنىپ 12 مىنۇت ئىچىدە ۋاراتارغا توپ ئۇرغان بولدى.  بۇ توپ زادى قانچىلىك ۋاقىتتا كىردى، بىر مەزگىل بۇنىڭغا بولغان قاراشلارمۇ ئوخشاش بولمىدى، ئىسپانىيىدىكى ئىككى ئاخبارات ۋاستىسىنىڭ دېيىشىچە بۇ ياۋروپا چېمپىيونلۇق لوڭقىسى تارىخىدىكى ئەڭ تېز كىرگەن توپ ئىكەن،  «ماكا گېزىتى» ۋە «ئاس گېزىتى» ئەڭ دەسلەپتە ھەر قايسىسى ئۆزىنىڭ تور بەتلىرىدە بۇ توپ 9 سېكۇنتتا كىردى، گوللاندىيىلىك ماكاي كىرگۈزگەن 10.3 سېكۇنتلۇق رېكورتنى بۇزۇپ تاشلىدى دەپ يازدى.

        گوللاندىيىنىڭ ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ دېيىشىچە، ئەڭ تېز كىرگەن توپ يەنىلا ئۇلارنىڭ ماكايغا تەۋە بولىدىكەن، جوناسنىڭ بۇ توپنى ئۇرۇشىغا 10.6 سېكۇنت بولۇپ، ماكاينىڭ ئارقىسىدا تۇرىدىكەن.  بىتەرەپ ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ قارىشىچە، بۇ بولسا ئىككىنچى تېز كىرگەن توپ ئىكەن OPTA ۋە  Infostrada قاتارلىق ئورگانلارنىڭ ستاتستىكىسىغا قارىغاندا بۇ توپ 10.6 سېكۇنتتا كىرگەن. 

        ياۋروپا پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ بايانى ھەممىدىن بەكرەك نوپۇزلۇق بولىدۇ، ياۋروپا پۇتبول بىرلەشمىسنىڭ بىۋاستە ئاڭلىتىش ئۆيى ھەمدە مۇسابىقىدىن كېيىنكى ياۋروپا پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ مۇسابىقە دوكلاتىنىڭ ھەممىسىدە بۇ توپنى «ياۋروپا چېمپىيونلۇقى تارىخىدىكى ئىككىنچى تېز توپ» دەپ بېكىتتى.  قارىغاندا ئىسپانىيە ئاخبارات ۋاستىلىرى بەكرەك ھاياجانلىنىپ قالغان ئوخشايدۇ، ئۇلار بۇ رېكورتنى ئۆزىنىڭ توپچىسى نامىغا يازدۇرىۋالماقچى، ماكاي يەنىلا ياۋروپا چېمپىيونلۇق لوڭقىسىدىكى ئەڭ تېز توپ كىرگۈزگەن ماھىر، جوناس ئىككىنىچى ئورۇندا.

 

Basbas.CN ©2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
互联网电子公告(BBS)服务资质  |  移动网信息服务业务资质
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 15999163133 تور بېكەت مەزمۇن باشقۇرغۇچىسى :18999105493 ئىشخانا : 2922567 -0991