باش بەت | پۇتبول كۆزنىكى | شىنجاڭ تەنتەربىيەسى | ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە | ۋاسكېتبول دۇنياسى | ئۇنۋېرسال تەنتەربىيە
 
نۆۋەتتىكى ئورنى:باش بەت >> ۋاسكېتبول دۇنياسى >>  
 
زۇڭتۇڭ ئوباما NBA دىكى ئىككىلا تەرەپنى ئاچكۆز دەپ تىللىدى
 
يوللىغان ۋاقىت:2011-10-28 11:35:22  يازغۇچى:گۈلمىرە  كىلىش مەنبەسى:سوخو تورى   ئاۋاتلىقى:110   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]

           

       بېيجىڭ ۋاقتى 26-ئۆكتەبىر، «فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا،  NBAدىكى ئىككى تەرەپنىڭ بىر بىرىگە يۈز قارىماي، ئىختىلاپنىڭ بارغانسىرى چوڭىيىپ كېتىپ بارغانلىقىنى كۆرگەن ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك-ئوباما ئاخىرى چىداشلىق بېرەلمەي قالدى. ئۇ NBAدىكى مىلياردىرلار ۋە نەچچە ئون مىليۇنلاپ، مىليۇنلاپ مائاش ئېلىۋاتقان توپچىلار چوقۇم توپ مەستانىلىرىنىڭ ھېسياتىنى نەزەردە تۇتۇپ بالدۇرراق سۆھبەتتە كېلىشىم ھاسىل قىلىشى كېرەك دەپ ئىپادە بىلدۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئوباما يەنە بىر قىسىم NBA دائىملىق مۇسابىقىلىرىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىغا ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 

          ئۆتكەنكى ئامېرىكا پرېزىدېنتلىرى ئىچىدە ئوباما ۋاسكېتبولنى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان بىرسى. ئۇ ئىلگىرى كۆپ قېتىم NBA چولپانلىرىنى ئۆزىنىڭ سارىيىغا ۋاسكېتبول ئويناشقا تەكلىپ قىلغان، تەكلىپ قوبۇل قىلغان توپچىلاردىن كوبى، ۋېيدى، بادېر قاتارلىقلار بار. NBA دائىملىق مۇسابىقىلىرىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى ۋاسكېتبول مەستانىسى بولغان ئوبامانى ئىنتايىن بىئارام قىلدى.

           ئوباما : « NBAدىكى خوجايىنلار ۋە ۋاسكېتبولچىلار مەسىلىلەرنى سۆھبەتلەشكەندە چوقۇم  NFL (ئامېرىكا زەيتون توپ بىرلەشمىسى)دىن ئۈلگە ئېلىشى كېرەك، NFLنىڭ مۇۋاپىقىيەت قازانغان تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىشى كېرەك، مىنىڭچە خوجايىنلار ۋە ۋاسكېتبولچىلار شۇنىڭغا ئوخشاشراق ئۇسۇللارنى قوللىنىشى كېرەك. مەن بۇ توختاش ئىشىغا بەك كۆڭۈل بۆلىمەن، ئىككى تەرەپ جەزمەن نۇرغۇن مەستانىلىرىنىڭ بارلىقىنى كۆزدە تۇتۇشى كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا بىرلەشمە مۇۋاپىقىيەت قازىنالايدۇ، بۇنىڭدىن بۇرۇن NBA نىڭ ئىپادىسى بىر قەدەر ياخشى بولغان، بىراق بۇ قېتىملىق توختاش ئاياقلاشسا، خىلى ئۇزۇن ۋاقىت ئىچىدە ئەسلىگە قايتىدىغانلىقى ھەممىگە مەلۇم» دېدى.

         بۇ ئوبامانىڭ ئىككىنىچى قېتىم NBAدىكى توختاشقا بولغان قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى بولۇپ، ئىككى ھەپتىنىڭ ئالدىدا ئۇ :«بىز ۋاسكېتبولغا مۇھتاج، توختاش مېنىڭ كۆڭلۈمنى ئىنتايىن بىئارام قىلدى، يېڭى مۇسابىقە پەسلى بەك كېچىكىپ كەتتى، ھەقىقەتەنمۇ قاملاشمىغان ئىش بولدى» دېگەنىدى. فېدراتسىيە مۇرەسسە خادىملىرىنىڭ ئارىغا كىرىشى بىلەنمۇ ئىككى تەرەپ كېلىشىم ھاسىل قىلالمىغان، كىم بىلىدۇ، ئوبامانىڭ بۇ قېتىملىق بېسىمى ئانچە-مۇنچە رول ئويناپ قالامدۇ تېخى!

 

Basbas.CN ©2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
互联网电子公告(BBS)服务资质  |  移动网信息服务业务资质
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 15999163133 تور بېكەت مەزمۇن باشقۇرغۇچىسى :18999105493 ئىشخانا : 2922567 -0991