باش بەت | پۇتبول كۆزنىكى | شىنجاڭ تەنتەربىيەسى | ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە | ۋاسكېتبول دۇنياسى | ئۇنۋېرسال تەنتەربىيە
 
نۆۋەتتىكى ئورنى:باش بەت >> ۋاسكېتبول دۇنياسى >>  
 
ۋاسكېتبول جەمئىيىتى فوشەن كۇلۇبىنى جازالىدى
 
يوللىغان ۋاقىت:2011-10-21 11:40:40  يازغۇچى:گۈلمىرە  كىلىش مەنبەسى:شىنخۇا تورى   ئاۋاتلىقى:221   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]

      

      2011-يىلى 18-ئۆكتەبىر فوشەن كوماندىسى ئاۋىستىرالىيە يولۋىسى چولپانلار كوماندىسى بىلەن بىر قېتىملىق ئىچكى قىسىمدىكى تەربىيە مۇسابىقىسى ئېلىپ باردى. مۇسابىقە ئاياقلىشىشتىن بۇرۇن، ئىككى تەرەپنىڭ كەسكىن تىركىشىش ھەرىكىتى چوڭ بولۇپ كېتىپ، ئىككى تەرەپ ئەزالىرىنىڭ مۇشتلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. 

       مۇسابىقىدىن كېيىن فوشەن كۇلۇبى دەرھال ئاشكارا كەچۈرۈم سورىدى. جۇڭگۇ ئەرلەر ۋاسكېتبول جەمئىيىتىمۇ ئۆزىنىڭ تورىدا فوشەن كۇلۇبىغا قارىتا جازالاش ئۇقتۇرۇشىنى ئېلان قىلىپ، فوشەن كوماندىسىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىد قىلدى ۋە فوشەن كۇلۇبىنى بىر ھەپتىلىك مۇسابىقە ۋە مەشىقلەردىن توختاتتى.

 
          2011-يىلى 18-ئۆكتەبىر فوشەن كۇلۇبى ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن ئاۋىستىرالىيە يولۋاس چولپانلار كوماندىسى ئاخىرلىشىشىقا ئاز قالغاندا كۆپلىگەن توپچىلارنىڭ مۇشتلىشىشى يۈز بېرىپ ناچار تەسىر پەيدا قىلدى. مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق تۆۋەندىكىدەك جازا بېرىلدى:
1. فوشەن ۋاسكېتبول كۇلۇبىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىد قىلىش؛
2. فوشەن كۇلۇبى ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈندىن باشلاپ مۇسابىقە ۋە مەشىقلەرنى بىر ھەپتە توختىتىپ، كوماندا ئىچىدە تۈزەش ئېلىپ بارىدۇ؛
3. كۇلۇب خادىملىرى ۋە بارلىق بۇ ئىشقا قاتناشقۇچىلارنى يازمىچە تەكشۈرۈشنامە يېزىشقا بۇيرۇش ھەمدە تۈزەش ئەھۋالىنى يازمىچە شەكلىدە باشقۇرۇش مەركىزىگە تاپشۇرۇش.

CBA     پەسىلدىن ئىلگىرىكى مۇسابىقىلەر ۋە دائىملىق مۇسابىقىلەر پات ئارىدا باشلىنىدۇ، ھەر قايسى كۇلۇبلار بۇ ئشىتىن ساۋاق ئېلىپ، توپچىلارغا بولغان تەربىيە ۋە باشقۇرۇشنى بوشاشتۇرۇپ قويماسلىقى كېرەك، توپچىلارنى تەربىيىلەپ، مۇسابىقە جەريانىدىكى قارشىلىق ۋە قائىدىگە خىلاپ قىلمىشلارغا توغرا مۇئامىلە قىلىپ، بۇ خىل قىلمىشلارنىڭ قايتا سادىر بۇلۇشىنى قەتئىي چەكلەش كېرەك.

 

Basbas.CN ©2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
互联网电子公告(BBS)服务资质  |  移动网信息服务业务资质
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 15999163133 تور بېكەت مەزمۇن باشقۇرغۇچىسى :18999105493 ئىشخانا : 2922567 -0991