باش بەت | پۇتبول كۆزنىكى | شىنجاڭ تەنتەربىيەسى | ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە | ۋاسكېتبول دۇنياسى | ئۇنۋېرسال تەنتەربىيە
 
نۆۋەتتىكى ئورنى:باش بەت >> ۋاسكېتبول دۇنياسى >>  
 
NBA دىكى توپچىلارنىڭ مىش-مىش پاراڭلىرى كۆپىيىپ قالدى
 
يوللىغان ۋاقىت:2011-10-19 11:26:20  يازغۇچى:گۈلمىرە  كىلىش مەنبەسى:65933.com  ئاۋاتلىقى:99   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]

         

         بېيجىڭ ۋاقتى 18-ئۆكتەبىر خەۋىرى، نومۇر ئېلىش ۋە سانلىق مەلۇماتلارنى يېڭىلاشتىن باشقا، كارمېلو-ئانتونى بىركۈنلەردە رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنىڭ ئۆز زىممىسىگە ئارتىلىپ قېلىشىنى ئەزەلدىن ئويلاپ باقمىغان. بۇ ئاددىي خىزمەتتەك كۆرۈنگىنى بىلەن ئانتون ھەرقانچە قىلىپمۇ ئۇنى ئۆگىنەلمەيدۇ. ھازىرقى NBAدىكى ئىككى تەرەپ ئىختىلاپلىرى تۈگىمەيۋاتقان قېيىنچىلىق ئەھۋالغا قارىتا، ئانتونى بىر قېتىم ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشنى ئويلايدۇ، بىراق ئۇنىڭ سۆزلىرى زاماننىڭ تەلىپىگە شۇنچىلىك ماس كەلمىگەن. 

        ئالدىنقى ھەپتىنىڭ ئاخىرى ئانتونى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: «مېنىڭچە بىزنىڭ ئۇچۇرلارنى يەتكۈزۈشىمىز ئېنىق بولمىدى، بۇ جەھەتتە، خوجايىن تەرەپ تېخىمۇ شۇنداق قىلدى. ئۇلارنىڭ داۋېد ۋە بىر نەچچە خوجايىنلىرى بار، بىز تەرەپتىن  پەقەت دېرىك-فېيشىرلا بار» دېدى.  توپچىلارنىڭ ئۇنداق-مۇنداق قالايمىقان سۆزلىرىگە خوجايىنلار بىرلىككە كەلگەن. ئىككى تەرەپ يىغىنىدا جەزمەن كۆپ سۆزلەش كېرەك، بىراق يىغىننىڭ سىرتىدا ئامال بار ئاز ئېغىزىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. ئەلۋەتتە بۇ بىرەر  جەرىمانە، جازالاردىن قورققانلىقتىن ئەمەس، بەلكى بۇ ئىشلارنىڭ ھاجىتى يوق. خوجايىنلار ئارىسىدا مارتىنغا ئوخشاش twitter قالايمىقان سۆزلەيدىغانلار يوق ئەمەس، بىراق داۋېد ئۇلاردىن جىم، سالماق تۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. گەرچە ھەممە ئادەمنىڭ دەيدىغان بولسىمۇ، بىراق بارلىق ئىشلار ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئاندىن ئېيتسىمۇ كېچىكمەيدۇ.

        داۋېدنىڭ دېگەن سۆزلىرى ناھايىتى ئاددىي، ئىخچام، بىراق زەربە بېرىش كۈچى ئىنتايىن زور، ئۇ بارلىق پۇقرالارغا بىر ئۇچۇرنى ئېنىق ئۇقتۇردى يەنى توپچىلارنىڭ كىرىمى ھەقىقەتەن يۇقىرى بولۇپ، ئەكسىچە خوجايىنلارنىڭ ئېرىشكىنى ئىنتايىن ئاز بولدى. 

       ۋاسكېتبولچىلارنىڭ رەھبىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، دېرىك-فېيشىر گەپ سۆزلىرىگە دىققەت قىلىشى كېرەك، ئەگەر خوجايىنلارغا قاتتىقراق بولمىسا، توپچىلار ۋە ۋاستىچىلار ئۇنى لايغەزەل دەيدۇ، ئەگەر ھەدىدىن ئارتۇق قاتتىق بولۇپ كەتسە، كۆپچىلىك ئۇنى ئاسان ئاچچىقلىنىدىغان تېرىككەك، پەقەت توپ ئويناشقىلا ماس كېلىدىغان ئادەمكەن دېگەن قاراشقا كېلىپ قالىدۇ. بىراق توپچىلار ئويۇشمىسى بىلىنىڭ تېخىمۇ مۇھىم رول ئوينىشىغا ئېھتىياجلىق، ئۇ پىكىر يەتكۈزگۈچى بولۇپلا قالماي يەنە سىلىقلىغۇچىلىق رول ئوينايدۇ، پەقەت ئۇلا توپچىلارنىڭ ئاممىۋى مۇناسىۋەت دىرېكتورى بولۇشقا لايىق.

 

Basbas.CN ©2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
互联网电子公告(BBS)服务资质  |  移动网信息服务业务资质
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 15999163133 تور بېكەت مەزمۇن باشقۇرغۇچىسى :18999105493 ئىشخانا : 2922567 -0991