كوماندا ئەزالىرىغا مەدەت بىرىپ ئۇلارنىڭ مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن دونىۋالد دائىم ئەزالار بىلەن دور تىكىشىدىكەن.ئىگەنلەشلەرگە قارىغاندا جۇڭگو ۋە ياپۇننىڭ مۇسابىقىسىدە دونىۋالد جۇپاڭيۈگە 500ئامېرىكا دوللىرى ئۇتتىراپ قويغان. دونىۋالد:جۇپاڭيۈنىڭ ھۇجۇم ۋە مۇداپىئە جەھەتتىكى ئىپادىسى ئىنتايىن ياخشى بولدى،مەنمۇ ھەم ئۇنى كۆزىتىپ توردۇم دىدى.

ئەگەر ياۋمىڭ دەۋرىدىكى جۇڭگو ئاسىياغا كۆزىنىڭ قۇيرىقىدا قارىغان بولسا ،ئۇنداقتا ھازىرقى جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسى كىشىلەرگە «كۆك گالىستۇكلۇق» توپچىلاردىن تۈزۈلگەن دېترويت پورشىن كوماندىسىنىڭ چىمپىيۇنلۇقنى ئالغانلىغىنى ئەسلتىدۇ.بۇ قېتىملىق ئاسىيا ۋاسكىتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە جۇڭگو كوماندىسىنىڭ ئىئۇردانىيە بولغان ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ۋە كىچىك گۇرۇپپىدىكى سۇرىيە بىلەن بولغان مۇسابىقىسىدە جۇڭگونىڭ يۇقىتىپ قويغان نۇمۇرى ئايرىم –ئايرىم ھالدا 60ۋە70تىن ئېشىپ كەتكەندىن باشقا،ئۇنىڭدىن باشقا مۇسابىقىلەردە يوقىتىپ قويغان نۇمۇرى 60نۇمۇر ئىچىدە بولدى.بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچ مەيدان مۇسابىقىدە يوقىتىپ قويغان نۇمۇرى50نۇمۇر ئىچىدە بولدى،ئوتتىۇرا ھېساپت اھەر مەيدانىغا 57.6نۇمۇر يوقاتقان . دونىۋالد ياۋمىڭ يوق ئەھۋالدا جۇڭگو دۇنيا ۋاسكىتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدىكى 18كۈچكۈكتىن ئاسىيا تەنھەركەت يىغىنىدا چىمپىيۇنلۇقنى ئېلىش.بۇيىل ئاسىيا ۋاسكىتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيۇنلۇقىنى ئېلىىپ ئاسىيا غوجىسى بۇلۇپ لوندونغا بىۋاستە بېرىشنى قولغا كەلتۈرەلىشى،ھەمدە ھازىرغىچە كۈرۈش قىلىپ كىلەلىشى پەقەت ئۇلارنىڭ مۇستەھكەم مۇداپئەسىدىن بولغان دىدى. دونىۋالدنىڭ نەزىرىدە كۈچلۈك مۇداپىئە يىڭى ئەۋلات دۆلەت كوماندىسىنىڭ تېرەپ تۇرغۇچ روھى كۈچى ئىكەن.ئۇمۇ ھەم كوماندا ئەزالىرىنىڭ مۇداپئەسىنى كۈچەيتىشنى نەزەردە تۇتۇپ كۆپلىگەن ۋاقىتلاردا ئۇلار بىلەن دور تىكىشىپ ئەزالارغا بەزى تېخنىكىلىق مۇداپئە ھەركەتلىرىنى تىزدىن ئۆگىتىدىكەن.ئەگەر ئەزالار مۇسابىقىدە قارشى تەرەپنى بىر قېتىم ھۇجۇمدا قائىدىگە خىلاپلىق قىلىش ھەركەت ياساتقۇزسا ،شۇ ئەزا 100ئامېرىكا دوللىرى بىلەن مۇكاپاتلىنىدىكەن. مەلۇم بىر مەيدان مۇسابىقىدە، دونىۋالد شىرئەلىجانغىمۇ قارشى تەرەپنىڭ توپ كونترول قىلغۇچى بىكى توپ كونترول قىلغان ۋاقىتتا ئۇنىڭغا ئادەم سۇقۇش ھەرىكىتىنى سادىر قىلغۇزسا 100ئامېرىكا دوللىرى بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.شىرئەلىجانمۇ بوش كەلمەي ئۇنى ئۇتۇۋالغان.بۇندىن باشقا دونىۋالد جۇڭگو ۋە ياپوننىڭ مۇسابىقىسىدە جۇپاڭيۈگە 500ئامېرىكا دوللىرى ئۇتتۇرۇپ قويغان.مۇسابىقىدىن كىيىن دونىۋالد:جۇپاڭيۈنىڭ ھۇجۇم ۋە مۇداپىئە جەھەتتىكى ئىپادىسى ئىنتايىن ياخشى بولدى دېدى ،ھەمدە ئۆزىنىڭمۇ ئۇنى كۆزىتىپ تۇرغانلىقىنى بىلدۈردى. |